ھاياتلىق كوچىسى(تەلئەت قادىرى)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-03 18:41:00

دەريا ئۆز قىنىدا ئاققاندەك ھامان، بەزىدە ئۆركەشلەپ بەزىدە پەسلەپ. ياشىدۇق ھاياتلىق كوچىلىرىدا، بەزىدە راۋۇرۇس،بەزىدە ئەپلەپ. بىز مۇشۇ كوچىنىڭ ئاپىرىدىسى، ھاياتلىق،ھەقىقەت،رىزىق ئىزلىگەن. بىر...

    دەريا ئۆز قىنىدا ئاققاندەك ھامان،
    بەزىدە ئۆركەشلەپ بەزىدە پەسلەپ.
    ياشىدۇق ھاياتلىق كوچىلىرىدا،
    بەزىدە راۋۇرۇس،بەزىدە ئەپلەپ.

    بىز مۇشۇ كوچىنىڭ ئاپىرىدىسى،
    ھاياتلىق،ھەقىقەت،رىزىق ئىزلىگەن.
    بىر گۈزەل روھ ئۈچۈن ئادىمىيلىكنىڭ،
    ئېتىز-قىرلىرىدا ئوزۇق ئىزلىگەن.

    بىز مۇشۇ كوچىنىڭ ئازغۇن بەندىسى،
    بەزىدە كىملەرگە شۇملۇق تىكلىگەن.
    گۈل تۇتۇش ئورنىغا خەنجىرىمىزنى،
    ھەسەتنىڭ تېشىغا سۈرگەن بىلىگەن.

     بىز مۇشۇ كوچىنىڭ كۆلەڭگىلىرى،
    ياشىغان بەزىدە ئوغرى مۈشۈكتەك.
    قەدىرسىز ئوق تەگسە ھالال سۆيگۈگە،
    باغرىدىن تامچىغان قانلار ئېسەدەپ.

    بىباھا غۇرۇرنىڭ جەڭگاھلىرىدا،
    سۇنغان شۇ ئۈن-تىنسىز يىگىتنىڭ بېشى.
    ئەقىدە دېگىنىڭ،نۇمۇس دېگىنىڭ،
    قالغان شۇ ئارخىپتا مەڭگۈلۈك نېسى.

     پەرىشتە تەرك ئەتكەن كوچا-رەستىگە،
    يايغاندا شەيتانلار قاناتلىرىنى.
    ئايلانغان چېغىدا ئولجىسىغا بىز،
    تەبرىكلەپ تۇتار مەي شارابلىرىنى.

    ياشايمەن،ئىزلەيمەن مۇشۇ كوچىدا،
    مەن سۆيگەن،روھىمغا ئوزۇق-دىيانەت.
    ياسايمەن،ھاياتنىڭ ئېقىنلىرىدىن،
    تاش تېرىپ يەنىلا ئېھرام-ئىمارەت.

     <تۇرپان ژورنىلىدىن ئېلىندى.2009-1-سان>

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق