قۇملۇق يادنامىسى(ئايىمنىسا سۇلايمان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 07:51:24

قۇملۇق يادنامىسىئايىمنىسا سۇلايمانئەسەبىي خىيالنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا،ئۇپۇققا چېچىلدىم چىغىر يول بويلاپ.ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە ئاقتىم تاراملاپبارخانلىق قەسىردە قۇملارنى سويلاپ.سۆيۈملۈك، يىگانە ئىھ، خىل...

    قۇملۇق يادنامىسى
    ئايىمنىسا سۇلايمان



    ئەسەبىي خىيالنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا،
    ئۇپۇققا چېچىلدىم چىغىر يول بويلاپ.
    ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە ئاقتىم تاراملاپ
    بارخانلىق قەسىردە قۇملارنى سويلاپ.

    سۆيۈملۈك، يىگانە ئىھ، خىلۋەت ماكان،
    ئال مېنى باغرىڭغا ئۇشبۇ دەقىقە.
    ئۇنۇتاي ھەممىنى، ھەتتا ئۆزۈمنى،
    ھېسلىرىم قۇملارغا بولسۇن سەدىقە.

    سۆزلىسۇن سۈكۈنات باسقان يۈرىكىڭ،
    چۈنكى ئۇ تۇيغۇمغا تۇتاشقان ماكان.
    باغرىمنى باغرىڭغا ياقاي دەممۇ-دەم،
    سەن گويا ئانامسەن ئىللىق، مېھرىبان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.