مامكاپ- مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-03 17:26:18

مامكاپمەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەتجان نېمە؟ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ توختىسا يۈرەكلېيىمىزداقانلىرىمىزداتەبىرىدە ئۇيۇغان فىترەت.سانسىز مامكاپنى پۈۋلىدى ئاللاھئېچىلدى-توزىدىياندى-ئۆچتىبارئىدى، يوق ئىدى.مامكاپ قى...

    مامكاپ

    مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت

     

    جان نېمە؟

    ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ توختىسا يۈرەك

    لېيىمىزدا

    قانلىرىمىزدا

    تەبىرىدە ئۇيۇغان فىترەت.

    سانسىز مامكاپنى پۈۋلىدى ئاللاھ

    ئېچىلدى-توزىدى

    ياندى-ئۆچتى

    بارئىدى، يوق ئىدى.

    مامكاپ قىسمىتى

    قاش بىلەن گويا كىرپىك ئارىسى.

    زەررىلەردىن كائىناتقىچە

    يۇلتۇزلاردىن بۇرجلارغىچە

    چۈمۈلىدىن ئادەمزاتقىچە

    ئالغىنىمىز ئوكياندىن تامچە

    بىز بىلمەيمىز.

    بىز ئەسلىدىنلا يوق.

    ئالەملەرنىڭ كەينىدە

    كۆزىمىز يوق ئۇنى كۆرۈشكە

    (تىلىمىز يوق ئېيتىپ بىرىشكە)

    ھىسلىرىمىز ۋە يا ئەقلىمىز

    ئايلانماقتا چەمبەر ئىچىدە

    قەدەھلەرگە سىغمايدۇ ئوكيان

    ئۆچمەك بولغان بىر تال سەرەڭگە.

    توزىغان پەي يا گۆھەر بولۇپ

    ئۇلىشارمىز ئاخىر كەچكۈگە.

    بىز بىلمەيمىز

    تون كەيسىمۇ بالىغ بوپ سۆزلەر

    بىزگە غەيىب نۇرغۇن نەرسىلەر

    يۈرىكىمىز سىقىلغان چاغدا

    تۇمانلارنى قايرىپ ناگاندا

    ئۆزىمىزگە قايتتۇق ئاراندا

    بىلگىنىمىز تۇپراققا قايتىش

    ھەي، نادامەت نىمىمۇ دەرمىز؟

    مامكاپ قىسمىتى

    قاش بىلەن گويا كىرپىك ئارىسى.

     

    2007-يىلى 11-ئاي (كېرىيە)

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.