رۇبائىياتى ئىشقى بىدار (ساداقەتجان ھاجى)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-07 23:45:16

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭رۇبائىياتى ئىشقى بىدار٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ساداقەتجان ھاجى(1)كەل ساقىي، قەدەھنى قەدەھكە تەككۈز.مەيخانە كۈيىنى پەلەككە يەتكۈز.خۇشاللىق بېغىشلاپ شارابىڭ بىلەنكۆڭۈلدىن غەم-قايغۇ، ھەسرەتنى...



     

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    رۇبائىياتى ئىشقى بىدار
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ساداقەتجان ھاجى

    (1)
    كەل ساقىي، قەدەھنى قەدەھكە تەككۈز.
    مەيخانە كۈيىنى پەلەككە يەتكۈز.
    خۇشاللىق بېغىشلاپ شارابىڭ بىلەن
    كۆڭۈلدىن غەم-قايغۇ، ھەسرەتنى كەتكۈز.
    (1988- يىل 18-مارت)

    (2)
    ئۈلپەتلەر ئولۇشۇپ شاراب ئىچىشتۇق.
    غەملەردىن قۇتۇلۇپ شادلىق تېپىشتۇق.
    ۋە لېكىن نادانلىق قىلىپ ھەممىمىز،
    يۈرەكنى بىر قەدەھ مەيگە تېگىشتۇق.
    (1988-يىل 26-مارت)

    (3)
    مەيخانەڭ ئىچرە ساقىي ناۋا قىلسام،
    ھاجىتىڭ بولسا ئەگەر راۋا قىلسام،
    نە ئارمان قالار ئىدى مەندە شۇتاپ،
    دەردمەنلەر يۈرىكىگە داۋا قىلسام.
    (1989-يىل 21-ئاپرېل)

    (4)
    چاقماق چېقىپ ئاسماندا پۈتۈن دۇنيا يانماقتا.
    قاخشال بولغان توغراقمۇ ياندى ئاشۇ چاقماقتا.
    دەريالارمۇ تاشقىندا دولقۇن ياساپ ئاقماقتا.
    ئەمدى بىزگە بۇ دۇنيا ئۈمىد بىلەن باقماقتا.
    (1989-يىل 18-نويابىر)

    (5)
    جانانىم دەپ جېنىم خارلىقتا ئۆتمەكتە.
    تاپالماي ۋەسلىنى زارلىقتا ئۆتمەكتە.
    يۈرەكمۇ قىسىلىپ ھەتتاكى كۆكرەكتە
    قارا ھىجران ئارا تارلىقتا ئۆتمەكتە.
    (1990-يىل 10-ئىيۇل)

    (6)
    ئايا ساقىي، مېنى دوستۇ-ياران ئەيلەپ،
    شاراب بەردىڭ دىلىمنى شادىمان ئەيلەپ.
    مۇيەسسەر بولدى دوستلۇق مېھرىگە كۆڭلۈم،
    سېنىڭ شۇ مەيخانەڭنى ئاشىيان ئەيلەپ.
    (1990-يىل 12-ئىيۇل)

    (7)
    مېنى غەمدە قويۇپ تەڭرىم، نىگارىم كۆڭلىنى شاد قىل.
    مېنى خار ئەيلىسەڭ مەيلى، ئۇنىڭ قەددىنى شەمشاد قىل.
    مېنى چۆللەردە سەرسان قىل، ئۇنى ئۆز يۇرتىدا خان قىل.
    مېنى ئىشقىدا بىدار قىل، ئۇنى ھىجراندىن ئازاد قىل.
    (1990-يىل 12-ئىيۇل)

    (8)
    ئەي گۈل، ئەنبەر چېچىپ خۇشبۇي ھاۋا ئەتكىن.
    ئەي بۇلبۇل، سەنمۇ ھەم ياڭراق ناۋا ئەتكىن.
    ئەي ساقىي، سەنمۇ تەييارلاپ شاراب شۇدەم،
    مېنىڭ دەردلىك دىلىمغا بىر داۋا ئەتكىن.
    (1990-يىل 13-ئىيۇل)

    (9)
    كۆزۈم، يار ھۆسنىنى كۆرمەككە ئىمكان ئەت.
    تىلىم، تەشنا بولۇپ ۋەسلىگە ئەفغان ئەت.
    ئىلاھا، ئىشقى يوقنى بىر ئېشەك دەرمىش.
    مېنى يار ئىشقى بىرلە ياخشى ئىنسان ئەت.
    (1990-يىل 14-ئىيۇل)

    (10)
    ئەجەپ بىر ئاشىقى شەيدا ئىرۇرمەن ئول پەرىۋەشكە.
    ماڭا ئۇيقۇ ھارام بولدى قاراپ ئول يارغا-مەھۋەشكە.
    ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا يېزىپ غەمكىن شېئىرلارنى
    بولۇپ ئىشقى بىدار، ئاخىرى ئايلاندىم قەلەمكەشكە.
    (1990-يىل 14-ئىيۇل)

    (11)
    سەندەك بىر بالا بارمۇ؟ مەندەك مۇپتىلا بارمۇ؟
    بۇ ئالەمدە ئىزدىسەم دەردىمگە داۋا بارمۇ؟
    كۆڭلۈمنى شاد ئەتكىلى بۇلبۇلى ناۋا بارمۇ؟
    غەمدىن ئازاد ئەتكىلى سەندەك دىلرەبا بارمۇ؟
    (1990-يىل 15-ئىيۇل)

    (12)
    قارا ئىكەن يارىمنىڭ قاشى بىلەن قاراقى.
    قارا قىلدى ئالەمنى يارنىڭ ئىشقى -پىراقى.
    ھىجران دەردى سالسىمۇ ئاق كۆڭلۈمگە قارا داغ،
    يېنىپ تۇرار قەلبىمدە نۇرلۇق ئۈمىد چىراقى.
    (1990-يىل 16-ئىيۇل)

    (13)
    ئايدەك ئاپئاق يۈزۈڭگە ئايدەك قارا قاش ئەتتى.
    قىزىل گۈلدەك لېۋىڭگە قەننى ئارىلاش ئەتتى.
    لېكىن سېنى خۇدايىم يەنە باغرى تاش ئەتتى.
    ۋەسلىڭ ئۈچۈن جان بېرىپ كىم مۇرادىغا يەتتى؟
    (1990-يىل 16-ئىيۇل)

    (14)
    ئۇيغۇر قىزى ياسىنىپ چىرايلىق جامال ئەتتى.
    ئىپار چېچىپ ھۆسنىدىن خۇشپۇراق شامال ئەتتى.
    ئوتلۇق ئاھۇ كۆزلىرى ئىشقىمنى قامال ئەتتى.
    يۈرىكىمدە ئۈمىدلىك بىر شىرىن خىيال ئەتتى.
    (1990-يىل 17-ئىيۇل)

    (15)
    زورلىما ئىچكۈم يوق كۈنى ئەي ساقى.
    كۆپ خىجىل قىلمىغىن مېنى ئەي ساقى.
    ئەگەر خۇش قىلمىسا كۆڭلۈمنى شاراب،
    نېمە دەپ ئىچىمەن ئۈنى ئەي ساقى؟
    (1992-يىل 18-سىنتەبىر)

    (16)
    سېنى بىر مەھلىقا دەرلەر، مېنى بىر مەھلىيا دەرلەر.
    سېنى پارلاق زىيا دەرلەر، مېنى ئاددى گىيا دەرلەر.
    كوچاڭنى ئايلىنىپ ھەر كۈن ئۆتەرمەن ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ،
    ئەگەر ئاھ ئۇرمىسام بىر كۈن، شۇ كۈننى ئەل رىيا دەرلەر.
    (1996-يىل 20-ئىيۇل)

    (17)
    مەينى ئىچ، بىر ئارزۇ-تەلەپ بىلەن ئىچ.
    گۈزەللىك، ياخشىلىق تەرەپ بىلەن ئىچ.
    مەي-جەننەت زىننىتى. جەننەتكە لايىق
    ئىنسان بول، سەن ئاندىن شەرەپ بىلەن ئىچ.
    (1997-يىل 1-مارت)

    (18)
    يۈرىكىم-قەدەھتۇر. شاراب قۇي ساقى.
    تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن، قاراپ قۇي ساقى.
    مەي دىمەك-كۆڭۈلنىڭ شادلىقى دىمەك،
    بۇ نازۇك كۆڭلۈمنى ئاياپ قۇي ساقى.
    (1997-يىل 1-مارت)

    (19)
    ساقىيا، مەي بىلەن جېنىمغا جان بەر.
    ھىجراندىن سارغايغان چېھرىمگە قان بەر.
    روھىمغا مەدەت بەر، نۇر بەر، ئىمان بەر،
    كەلگۈسى بەختىمدىن ماڭا نىشان بەر.
    (1997-يىل 4-مارت)

    (20)
    مەينى سەن ئىچمىگىن مەس بولۇش ئۈچۈن.
    ئەل ئارا شەرمەندە، پەس بولۇش ئۈچۈن.
    ئىچ ئۇنى يۈكسەك بىر ئارزۇ-ئۈمىدتە،
    غەپلەتتىن قۇتۇلۇپ دەس تۇرۇش ئۈچۈن.
    (1997-يىل 20-ماي)

    (21)
    ئەي ساقى، مەيگە تولدۇر پىيالىنى.
    مەي ئىچىپ سۈرەي ھەييام خىيالىنى.
    ھەييامنىڭ خىيالىدا ھىكمەت تولا،
    ھىكمەتلەر قوزغايدۇ دىل ئىلھامىنى.
    (1997-يىل 5-ئاي)

    (22)
    يىقىلغان تاشنى تاغلار يۆلەيدۇ.
    سۇنغان دەرەخنى باغلار يۆلەيدۇ.
    تاڭنى دەپ تۈندە جان بەرگەنلەرنىڭ
    روھىنى قۇياش نۇرغا بۆلەيدۇ.
    (1997-يىل 30-ئۆكتەبىر)

    (23)
    كۈن قانداق تۇغۇلار ئۇپۇق بولمىسا؟
    گۈل قانداق ئېچىلار ئۇرۇق بولمىسا؟
    كۈنمۇ تۇغۇلىدۇ، گۈلمۇ ئېچىلىدۇ،
    مېنىڭچە، قەلبىمىز قۇرۇق بولمىسا.
    (1998-يىل 19-يانۋار)

    (24)
    بېرىلسە ئىنسان پەس ئارزۇ-ھەۋەسكە،
    غولايدۇ شۇ ھامان ئېگىزدىن پەسكە.
    چۈشمىكى شۇ قەدەر ئاسان بولىدۇ،
    ۋە لېكىن چىقمىقى توختايدۇ تەسكە.
    (2000-يىل 9-فېۋرال)

    (25)
    مەدەت ئالدىم ئىشقىڭدىن، مەردانە بولدۇم.
    ئەرزىمەس تۇپراق ئىدىم، دۇردانە بولدۇم.
    نۇرغا چۈمگەن روھىمدىن گۈللەر ئېچىلدى،
    بىر دانە ئىدىم، ئەمدى مىڭ دانە بولدۇم.
    (2000-يىل 7-ئۆكتەبىر)

    (26)
    ئەل بىلەن بىر سەپتە بولغىن ھەر زامان.
    ئەلدىن ئايرىلغان كىشى بولماس ئامان.
    ئەلنى سۆيمەكلىكمۇ بىزگە بىر ئىمان.
    ئەل ئۈچۈن جان بەرسە كىم، شۇ قەھرىمان.
    (2000-يىل 8-ئۆكتەبىر)

    (27)
    مەي ئىچمەس ئىدىم كۈلپەت بولمىسا.
    سەندەك ياخشى بىر ئۈلپەت بولمىسا.
    مەي بىداۋادۇر كۈلپەتلىرىمگە،
    دوستانە سۆيگۈ-سۆھبەت بولمىسا.
    (2001-يىل 5-ئاي)

    (28)
    ناخشىمىز بولغان بىلەن يوق ئىكەن نىشانىمىز.
    ياخشىمىز بولغان بىلەن شور ئىكەن پىشانىمىز.
    ئويلاپ باقساق بۈگۈن بىز، يېشىلمىگەن تۈگۈن بىز.
    ئەسقاتمايدىكەن ھەرگىز تارىختىكى شانىمىز.
    (2001-يىل 5-ئاي)

    (29)
    ئىزدىسەڭ دۇنيانىڭ ئىشىدىن مەنا،
    رۇستەمگە بېرىدۇ ۋەسلىنى رەنا.
    شۇڭلاشقا زاماننىڭ جەڭگاھلىرىدا
    باتۇر بول، ئۆلۈمدىن قورقما ئەي دانا!
    (2001-يىل 5-ئاي)

    (30)
    مەيلى سەن ئۇيغۇر بول ياكى ئورۇس بول،
    ھەر ئىشتا ھەققانىي، توغرا، دۇرۇس بول.
    ئەل ئالماس ئارىغا ئەگرى نىيەتنى،
    قارىغاي بولالمىساڭ، ئاددىي قۇمۇش بول.
    (2001-يىل 5-ئاي)

    (31)
    ئەجەب قىينالدى تەن مۈلكىدە جان رەببىم.
    بۇ ھىجران ئەيلىدى باغرىمنى قان رەببىم.
    تېخىچە ۋەسلىنى بەرمەي جانان رەببىم،
    ماڭا ئەمدى ھارام بولدى جاھان رەببىم.
    (2001-يىل 5-ئاي)

    (32)
    روھلاردا قۇۋۋەت بار، روھلاردا قانات.
    ئۆزۈڭگە كېرەكلىك روھلارنى يارات.
    ئۆزۈڭنىڭ بولمىسا ئۆزگىنىڭدۇرسەن،
    پەقەت ئۆز روھىڭدا كۆكلەيدۇ ھايات.
    (2001-يىل 7-ئاي)

    (33)
    ۋىجدانىڭ، ئىمانىڭ ئۆرتەنمەي تۇرۇپ،
    ئېچىلماس قەلبىڭگە سېلىنغان قۇلۇپ.
    ئۆرتەشنى بىلمىسەڭ بۇلۇتلارنى ھەم،
    باغلىرىڭ باياۋان بولىدۇ قۇرۇپ.
    (2001-يىل 7-ئاي)

    (35)
    كۆز تويار تۇپراق بىلەن. ھەرگىز تامادا تويمىغاي.
    نەپسى گەر بولسا قانائەتلىك بالادا قويمىغاي.
    قۇشنى يىگەنمۇ ياتار ئۆلگەندە يەرنىڭ باغرىدا،
    كۆزى توقنىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭلى سامادا ئوينىغاي.
    (2001-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى)

    (36)
    كۆزۈم روشەن، ۋەلىكىن كۆرەلمەيمەن ئۆزۈمنى.
    كۆردۈم دىسەم ئەمالار ئويۇۋىتەر كۆزۈمنى.
    شۇنداقتىمۇ ئۆزۈم بار تاغنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
    ئېيتىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە كۆڭلۈمدىكى سۆزۈمنى.
    (2001-يىل 6-ئاي)

    (37)
    ئاشىق ئارام تاپمىغاي ۋەسلى دىدار بولمىسا.
    ۋەسلى دىدار بولمىغاي ئىشقى بىدار بولمىسا.
    ئىشقى بىدار بولمىغاي دىل بىغۇبار بولمىسا.
    دىل بىغۇبار بولمىغاي قەلبىدە يار بولمىسا.
    (2001-يىل 11-ئاي)

    (38)
    ساقى تولسۇن سۆيگۈگە پىيالىمىز.
    يار ۋەسلىگە يەتمەكتۇر خىيالىمىز.
    مۇھەببەتسىز-سۆيگۈسىز قالساق ئەگەر
    بۇ ھاياتتا نە بولۇر ئەھۋالىمىز؟
    (2002-يىل 20-يانۋار)

    (39)
    نە كېرەك ساقى مەدەتكار بولمىسا؟
    ياخشى سۆھبەتكە دەۋەتكار بولمىسا؟
    نە كېرەك سۆھبەت قۇرۇپ شەربەت ئىچىش
    ۋەسلى دىلبەرگە سەۋەبكار بولمىسا؟
    (2002-يىل 23-يانۋار)

    (40)
    جېنىمغا جان قوشۇپ جانان كېلىدۇ.
    جاناننى سۆيگىدەك ئىمكان كېلىدۇ.
    ئىمكانلار چۆلىدە بولسام گەر شىھىد
    بەختىمگە جەننەتۇل رىزۋان كېلىدۇ.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

    (41)
    شەربەتتۇرمەن ئەي ساقى، پىيالىنى ئۆرتەيمەن.
    غەپلەتتىكى روھىمنىڭ خىيالىنى ئۆرتەيمەن.
    ھەر قەترەمدە مىڭ دەريا دولقۇنلايدۇ مەۋج ئۇرۇپ،
    زەررەم بىلەن ئالەمنىڭ زاۋالىنى ئۆرتەيمەن.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

    (42)
    ساقى شەربەت قۇي پىيالەمگە بۈگۈن.
    مەن تۇغۇلدۇم قايتا ئالەمگە بۈگۈن.
    جانمۇ مەن، جانانمۇ مەن. جان كۆكلىگەن
    مەرھابا نەۋرۇزى ئايەمگە بۈگۈن.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

    (43)
    قىلما كۆڭلۈمنى خۇدا زەۋقى گۈلىستاندىن جۇدا.
    بىناۋا مەن  ئەيلىسەڭ شەۋقى گۈلىستاندىن جۇدا.
    بارمىدۇر ھۆر ئاشىيان بۇلبۇلغا بوستاندىن بۆلەك؟
    ئەيلىمە ھەرگىز مېنى بەرقى گۈلىستاندىن جۇدا.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

    (44)
    ھەزەر قىل شەيتاننىڭ دامىدىن دوستۇم.
    مەي ئىچمە ئۇنىڭ زەر جامىدىن دوستۇم.
    ئۇ ئاپتاب بولسىمۇ ئاپەتتۇر ساڭا،
    نۇر ئالغىن ھەقىقەت شامىدىن دوستۇم.
    (2002-يىل 27-يانۋار)

    (45)
    زەر ئەمەستۇر پاقىراپ تۇرغان سامان.
    ئۇ شامالدا سورۇلۇپ كەتكەي ھامان.
    بولمىغىن مەغرۇر شۇڭا ھۆسنۈڭ بىلەن،
    ئۇستا بىر زەرگەرگە ئوخشايدۇ زامان.
    (2002-يىل 28-يانۋار)

    (46)
    ياخشىلارنى ياخشىلىق يەرگە قاراتمايدۇ ھامان.
    يۈرمىگىن مەپتۇن بولۇپ يەتسە مۇرادىغا يامان.
    ياخشىلارغا يول ئوچۇق ھەم جەننەتۇل رىزۋان تامان.
    ياخشىلىق قىل ئىشقى بىدار گەر ياشاي دىسەڭ ئامان.
    (2002-يىل 28-يانۋار)

    (47)
    نېمە ھىكمەت باركى دىسەم تۈلكىدە؟
    شۇملۇقىنى يوشۇراركەن كۈلكىدە.
    كۈلكىنى بىلسەك ھەسەل دەپ بىز، لېكىن
    ئۇ زەھەركەن شۇم نىيەتلەر مۈلكىدە.
    (2002-يىل 28-يانۋار)

    (48)
    چۆرگىلەپ–چۆرگىلەپ پەلەكنىڭ چاقى،
    مېنىڭمۇ نۆۋىتىم كېلىدۇ ساقىي.
    بېشىڭغا كەيمىگىن مەيخانىمىزنى،
    ساقىيلىق ساڭىلا ئەمەستۇر باقى.
    (2002-يىل 1-دىكابىر)

    (49)
    ھاياتلىق يولىنى تۈز دەپ قارىما.
    تۇرمۇشنى ھەمىشە ئۇز دەپ قارىما.
    ۋەلىكىن چىدىماي ئازابقا يەنە،
    بورانلىق باھارنى كۈز دەپ قارىما.
    (2003-يىل 1-ئاي)

    (50)
    بىلىم ئۆگەن ھاياتتىن تاپاي دىسەڭ مەنا سەن.
    بولۇپ قالماي دىسەڭ ھەم كۆزى ئوچۇق ئەما سەن.
    بىلىم بىلەن بەختىڭنىڭ بىناسىنى پۈتتۈرسەڭ،
    ئاندىن ئەلنىڭ قەلبىدە بولالايسەن دانا سەن.
    (2003-يىل 19-مارت)

    (51)
    نۇر ئىچىدە ياشايمەن دىسەڭ ئەگەر ھاياتتا،
    پەرۋاز قىلغىن بىلىمدىن پۈتكەن سۇنماس قاناتتا.
    ئۇچالمىساڭ ئۈمىدتە قۇچالمىساڭ كۆكنى ھەم،
    قەلبىڭ نۇرغا چۈممىسە ئۆتەر ئۆمرۈڭ ئازابتا.
    (2003-يىل 20-مارت)

    (52)
    «ئايمىدۇر، ئايلامىدۇر، ئايغا بۇلۇت دالدامىدۇر؟»
    دالدا بولدۇم دەپ تۇرۇپ ئاينى بۇلۇت ئالدامىدۇر؟
    باغرى قان بولمايدۇ كىمنىڭ كۆزىنى قويسا توسۇپ؟
    ئايدىكى داغ ئەسلىدە غەم-قايغۇدىن يالدامىدۇر.
    (2003-يىل 16-ئاپرىل)

    (53)
    چاڭقاپ تۇرار يۈرىكىم ئوتتەك يېنىپ.
    بۈگۈن شەربەت ئىچكۈم بار قېنىپ-قېنىپ.
    قىنى ساقى، لىق تولدۇر پىيالىنى،
    ئىچەي-ئىچەي! يۈرگىچە ئېغىر تىنىپ.
    (2003-يىل 22-ئاپرىل)

    (54)
    باغرىمدا بىر گۈزەل لالەم بار مېنىڭ.
    قەلبىمدە بىر گۈزەل ئالەم بار مېنىڭ.
    لالەمنىڭ غېمىدە روھىم ئۆرتىنەر،
    ئالەمگە سىغمىغان نالەم بار مېنىڭ.
    (2003-يىل 25-ئاپرىل)

    (55)
    ئالىملىق بەلگىسى-ئەقىلدە ئەمەس.
    ياكى بىر ھىكمەتلىك نەقىلدە ئەمەس.
    ئالىم دەپ بىلگۈلۈك بولسا گەر كىمدە
    ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىش، ئەقىدە، ھەۋەس.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (56)
    جامالىڭ گۈل بولسا سولىدۇ بىر كۈن.
    قوللىرىڭ غازاڭغا تولىدۇ بىر كۈن.
    خىيالىڭ گۈل بولسا، قەلبىڭ گۈل بولسا
    يوللىرىڭ گۈلىستان بولىدۇ بىر كۈن.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (57)
    كەل ساقى، تولدۇرۇپ مەي قۇي تاۋاققا.
    مەست بولۇپ تاڭايلى تاشنى تاياققا.
    ئىچەيلى، بىز تېخى تاپماپتۇق ئەقىل،
    ئېرىشكەن بولساقمۇ نۇرغۇن ساۋاققا.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (58)
    كۆرسەتمەس ھەقىقى يۈزىنى ساقى.
    ئېيتماس ھەم دىلدىكى سۆزىنى ساقى.
    «تەقدىرداش» دەپ قالما تۇرقىغا قاراپ،
    تەڭ كۆرمەس سەن بىلەن ئۆزىنى ساقى.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (59)
    مەن ئانا تۇپراقتىن ياسىدىم كوزا.
    ساقلىدىم ئۇنىڭدا روھىمنى تازا.
    ئۈمىدۋار ياشايمەن شۇڭا ھاياتتا،
    ئەۋلادىم بەختىگە يەتمەيدۇ قازا.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (60)
    يارغا مەن كۆڭلۈمنى بەرسەم يار ماڭا بەردى ئازاب.
    بۇ ھاياتىمنى مۇھەببەت دەشتىدە قىلدى خاراب.
    بۇ خارابلىقتىن يۈرەك-باغرىم يېرىلدى چاكى-چاك،
    بار ئۈمىدىم سەندە قالدى، ساقى كەلتۈرگىن شاراب!
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (61)
    جان تەلەپ قىلما مېنىڭدىن ئەي جانان.
    چىن يۈرەكتىن ساڭا سادىق مەن ھامان.
    بەلكى ئۆمرۈمنى تىلە بەختىڭ ئۈچۈن،
    سۆيىمەن سېنى جېنىم بولسا ئامان.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (62)
    ئارمانغا يەتمەستىن ئۆلگۈم يوق خۇدا.
    ھۆرلۈكتىن ئالمىدىم تېخى زوق خۇدا.
    توسقايسەن قۇدرەتلىك قالقىنىڭ بىلەن
    جېنىمغا دۈشمەنلەر ئاتسا ئوق خۇدا.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (63)
    ئىچسەڭ سۆيگۈدىن شاراب غەنىيمەت.
    سۆيگۈ دەپ چەكسەڭ ئازاب غەنىيمەت.
    غەمسىز خىيالىڭ غەپلەتنى چىللار،
    ئۆتكىن يار ئۈچۈن ياشاپ غەنىيمەت.
    (2003-يىل 8-ماي)

    (64)
    يار قۇچاي ۋەسلىڭنى بەر ئىمكان ماڭا.
    ئەيلە ھەق شارابىدىن ئىھسان ماڭا.
    مەنمۇ بەختىمنى تاپاي ھەقنى تونۇپ،
    قالمىسۇن جەننەت سىرى پىنھان ماڭا.
    (2003-يىل 18-ماي)

    (65)
    بىۋاپا يار ئىشقىدا ئېيتىپ غەزەل،
    بولدى ئاھ، روھىم زەئىپ، قەلبىم كىسەل.
    چاڭقىدىم ھىجران چۆلىدە قانسىراپ،
    ساقىيا تولدۇر پىيالەمگە ھەسەل.
    (2003-يىل 18-ماي)

    (66)
    غەيرىتىم ئۈستۈندۇر غېمىم بولسىمۇ.
    كۆزۈم توق، كۆڭلۈم توق كېمىم بولسىمۇ.
    جېنىمغا جان قوشار دوستلۇق شارابى،
    ئىچكىنىم گەرچە بىر تىمىم بولسىمۇ.
    (2003-يىل 18-ماي)

    (67)
    كۆزۈمدىن قان بىلەن ياشلار ئاقىدۇ.
    باغرىمغا خەنجەردەك تاشلار پاتىدۇ.
    نېمە دەي دەردىمگە؟ يارنىڭ يولىدا
    جانان دەپ جان بەرگەن باشلار ياتىدۇ.
    (2003-يىل 18-ماي)

    (68)
    نۇرغا تولغان تاڭلىرىڭ بولسۇن ھامان خەيرىلىك.
    گۈزەل ياشلىق چاغلىرىڭ بولسۇن ئامان-خەيرىلىك.
    ئۆز بەختىگە نىجادكار بولالايدۇ ئىجادكار.
    ھالال مېھنەت-ئەجرىڭدىن بولسۇن زامان خەيرىلىك.
    (2004-يىل 4-ئاي)

    (69)
    مىھرىڭ بىلەن ھاياتنى سۆيۈپ ياشا ھەر زامان.
    چوغدەك يالجىپ گۈلخاندەك كۆيۈپ ياشا ھەر زامان.
    بەختلىك سەن قەلبىڭدە بولسا مىھرى-مۇھەببەت،
    قايغۇرمىغىن ئەتەڭدىن، كۈلۈپ ياشا ھەر زامان.
    (2004-يىل 4-ئاي)

    (70)
    يېتەي دىسەڭ مەقسەتكە ھىممەت بىلەن ياشىغىن.
    ئىزدەپ ھەقنىڭ ۋەسلىنى ھىكمەت بىلەن ياشىغىن.
    ئېشىپ بارار شۇندىلا ئادىمىيلىك قىممىتىڭ،
    ئادەمگە خاس قەدىرىيەت، قىممەت بىلەن ياشىغىن.
    (2004-يىل)

    (71)
    بولمىسا ئىشقىمدا جان جانان مېنى قىلماس كېرەك.
    بولمىسا شېئىرىمدا دان خامان مېنى قىلماس كېرەك.
    جان ئەمەس، قاندىن كېچىپ جاناننى قىلغايمەن خۇشال.
    قىلمىسام جاناننى خۇش زامان مېنى قىلماس كېرەك.
    (2004-يىل 5-ئاي)

    (72)
    سەندە ئوتلۇق يۈرەك بولسۇن، تىلەك بولسۇن.
    گۈل ياشلىقىڭ ئەل بەختىگە كېرەك بولسۇن.
    ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى يوللارغا چاچ.
    ئۇتۇقلىرىڭ ئەۋلاتلارغا تىرەك بولسۇن.
    (2004-يىل 12-ئاي)

    (73)
    غۇرۇرلۇق بول، ئىمانلىق بول، ئەدەبلىك بول.
    ئۈمىدلىك بول، ئۇلۇغ ئارزۇ-تەلەپلىك بول.
    ھىممەت بىلە ياشا ھەردەم ھاياتتا سەن،
    ئەل قەلبىدە قەدىرلىك بول، شەرەپلىك بول.
    (2004-يىل 14-دېكابىر)

    (74)
    سۆڭىكىم تۇپراققا ئايلىنار بىر كۈن.
    تۇپرىقىم تاۋاققا ئايلىنار بىر كۈن.
    تاۋاقتا سۇ ئىچكەن ئەۋلادلار ئۈچۈن
    ھاياتىم ساۋاققا ئايلىنار بىر كۈن.
    (2004-يىل 22-دېكابىر)

    (75)
    تۆت كۈنلۈك ئالەمگە تويماي ياشايمىز.
    تويسىمۇ كۆزىمىز تۇيماي ياشايمىز.
    ئىچىمىز دوست-دۈشمەن قۇيغان شارابنى،
    ۋەلىكىن ئۆزىمىز قۇيماي ياشايمىز.
    (2004-يىل 22-دىكابىر)

    (76)
    ئادەم ئۈچۈن ھەممىدىن ئادىمىيلىك قىممەتتۇر.
    ئادىمىيلىك ئادەمگە ئاللاھ بەرگەن نىئمەتتۇر.
    ئارمان بولسۇن سەن ئۈچۈن ئادەم بولۇپ ياشىماق،
    ئادىمىيلىك-ئالەمنى بويسۇندۇرغان قۇدرەتتۇر.
    (2006-يىل 14-فېۋرال)

    (77)
    «گۈل نىمىشقا بۇلبۇلغا كۆيەر؟»
    چۈنكى بۇلبۇل گۈلنىلا سۆيەر.
    باشقىلاردەك پۇل ئۈچۈن ئەمەس،
    بەلكى پەقەت گۈل ئۈچۈن ئۆلەر.
    (2008-9-7)

    (78)
    سۆيگۈ باشقا، سۆيۈش ئۈچۈن چارە قىلماق باشقا گەپ.
    سۆيۈش ئۈچۈن جانىنى مىڭ پارە قىلماق باشقا گەپ.
    سۆيۈش ئۈچۈن باغرىنى قان لالە قىلماق باشقا گەپ.
    گۈل ئىشقىدا بۇلبۇل كەبى نالە قىلماق باشقا گەپ.
    (2008-9-8)

    (79)
    كۆزىمىزنىڭ كۆزىنى ئاچقان مۇھەببەت.
    كۆڭلىمىزگە نۇرىنى چاچقان مۇھەببەت.
    دەسلەپ تازا كۆيدۈرۈپ، ئاندىن ئازراق سۆيدۈرۈپ،
    كىيىن شۇنچە قوغلىساق قاچقان مۇھەببەت.
    (2008-9-8)

    (80)
    يۈرىكىمىز سۇ بىزنىڭ، كۆيدۈرگەنگە كۆيمەيمىز.
    روھىمىزنى مەست قىلسا، ئۇنداق يارنى سۆيمەيمىز.
    مۇھەببەت دەپ ياشايمىز. ياشاش ئۈچۈن سۆيىمىز.
    چىڭدۇر بىزنىڭ جېنىمىز، ئۆلتۈرگەنگە ئۆلمەيمىز.
    (2008-9-9)

    (81)
    سىناش ئۈچۈن بوپتىلا جاپا قىلسۇن مۇھەببەت.
    ئەڭ ياخشىسى بىزلەرگە ۋاپا قىلسۇن مۇھەببەت.
    بۇ قىممەتلىك ھاياتتا مۇھەببەت دەپ ياشايمىز.
    كۆڭلىمىزنى نىمىشقا خاپا قىلسۇن مۇھەببەت؟
    (2008-9-9)

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ رۇبائىيلارنىڭ بىر تۈركۈملىرى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ۋە «قەشقەر گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogbus.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.