غېرىبلىقنىڭ چەكسىز بىر كۈنى(پەرھات تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-21 22:58:23

غېرىبلىقنىڭ چەكسىز بىر كۈنىداستانپەرھات تۇرسۇن شەيدائى1سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىركۈنى،مەن يەنىلا غېرىبلىق ئۈنى...ناخشا ئېيتار قاغا قاپقارا،سېمفونىيە ياڭرار ياتاقتا.چەكسىز غېرىبلىق-يىغلىيالماي قىي...

     




    غېرىبلىقنىڭ چەكسىز بىر كۈنى

    داستان

    پەرھات تۇرسۇن شەيدائى

     

     

    1

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىركۈنى،

    مەن يەنىلا غېرىبلىق ئۈنى...

     

     

     

    ناخشا ئېيتار قاغا قاپقارا،

    سېمفونىيە ياڭرار ياتاقتا.

    چەكسىز غېرىبلىق-

    يىغلىيالماي قىينالغان چاغدا،

    ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ مەن ئۈچۈن دۇنيا،

    ياش تۆكىدۇ تەنھا لامپۇچكا.

    ئاق نۇر بىلەن سۆيۈشەر چىۋىن،

    كارۋىتىمنىڭ قاناتلىرىدا.

    پۇقرا يوق بىر ئاۋات شەھەردە،

    مەن ھەممىگە بولۇپ پادىشاھ،

    باشقۇرىمەن يالغۇزلۇقۇمنى،

    چەكسىز-چەكسىز كوچىلىرىدا.

     

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىركۈنى،

    ئالما نەشپۈت سېلىنغان خالتا،

    غېرىبسىنىپ مەندىنمۇ بەتتەر،

    شۈمشەيگەنچە قالدى يېنىڭدا.

    باغقا كىرگەن ۋەتەنسىز سۆيگۈ،

    بۇلاڭچىلىق قىلغاندىن كېيىن،

    چالا ئۆلۈك قىلىنغان ئىتتەك،

    ھۇۋلىيالماي ياتار بۇلۇڭدا.

    ئۆلۈپ قالدى بەلكىم بۇچاغقا.

    چىۋىن،

    توخۇ،

    غاز يېگەن شاپاق،

    تىللاشماقتا قۇشقاچلار بىلەن.

    ئۆلۈم ئۈچۈن يول خېتى ئېلىپ،

    تاقىلدىغان كىچىك تېراكتۇر،

    چۆچىگەندەك قارار ئەتراپقا.

    تېخىچىلا ئۆلمىگەن ئۈمىد،

    راۋاب چالار پۇچۇق شاپاقتا...

     

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىركۈنى،

    ئىزدەپ كەپتۇ بىر قىزچاق مېنى،

    ئىزدەيدىكەن يېقىن دوستۇمنى.

    مەن شۇچاغدا سېغىندىم سېنى.

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    ئېزىپ كەتكەن قۇياش ۋە چاشقان،

    ئۆلۈپ كەتكەن قوڭغۇز ۋە ئاسمان،

    سۇنۇپ كەتكەن تېرەك سايىسى،

    بەتىنكەمنىڭ مەندىن بىخەۋەر،

    ئۇپىرىغان پۇچۇق پاشنىسى،

    بىرساپ ئۈزۈم يۆگەپ قويۇلغان،

    داستىخاننىڭ كىچىك بالىسى،

    گويا سېيىر سېغىۋاتقاندەك،

    ئابلاجاننىڭ يېڭى ناخشىسى،

    يەنە ھەممە ھەممە ھەممىسى،

    توساتتىنلا ئايلىنىپ تاشقا،

    سوغۇق كۈلۈپ تۇرار ئۇياقتا.

    ئەمما

    گويا سۇلار ئېقىۋاتقاندەك،

    ياكى خەقلەر ئۆلىۋاتقاندەك،

    ۋاقىت جىمجىت ئۆتۈۋاتقاندەك،

    سېزەلمىدى مەندىن باشقىسى.

     

     

    2

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    غېرىبلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.

    تەبرىكلىدىم سوۋغات بەرمەستىن،

    سۆيۈپ قويدۇم قۇچاقلاپ مېنى.

    سورىغۇم بار سەندىن ئەي دۇنيا،

    مېنىڭ يارۇ دوستلىرىم قېنى؟

    ساتىراشلار ئالدىراشكەن دەپ،

    ئۆسۈپ كەتكەن ساقىلىم بىلەن،

    قۇچاقلىدىم يەنە ئۆزۈمنى.

     

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    كەتكۈم كەلدى پارتتىدە قېچىپ،

    كۆرگۈم كەلدى قەلبىمنى ئېچىپ،

    ياكى كۈلگۈم كەلدى لىققىدە،

    قەدەھلەرنى سۈمۈرۈپ ئىچىپ.

     

     

     

    سېغىندىم يوللارنى، سىتولبىلارنى،

    شەھەردەك ياسانغان گۈزەل قىزلارنى،

    بېنادەك غادايغان پوزۇر پۇلدارنى.

    سېغىندىم،

    مەن دائىم ئاتلاپلا ئۆتكەن،

    تەقدىردەك يۇمىلاق ئەۋرەز كۆزىنى.

    سېغىندىم چەكسىز ۋە چەكسىز لىك بىلەن،

    يۇيۇلغان چېچىڭنى يېيىپ كېچىدەك،

    توختىغان ۋاقىتنىڭ مەلۇم يېرىدە،

    يەر بېقىپ يېنىمدىن ئۆتكەنلىرىڭنى.

     

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    غېرىبلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،

    تەبرىكلىدىم يەنە ئۆزۈمنى.

     

     

     

    مەن ئەينەككە قارىغان چاغدا،

    يىگىرمە سەككىز دېگەن ئۇز رەقەم،

    قېرىپ كەتكەن كالىندارمۇ ھەم،

    ياش تۆكمەكتە ئىدى ئازاپتا.

     

     

     

    پاراڭ قىلغۇم كەلدى ئىشكاپقا،

    قۇچاقلىغۇم كەلدى مەشنىمۇ.

    قالايمىقان قەغەزلەر بىلەن،

    كۇسۇرلىشىپ سۆيگۈ ھەققىدە،

    يېزىپ باقتىم سۆيگۈ خېتىمۇ.

     

     

     

    ساپما كەشتىن سورىدىم سېنى،

    بىلمەيدىكەن ئۇمۇ ئىسمىڭنى.

     

     

     

    پەرىشتىگە ئايلانسام شۇدەم،

    كېتىپ قالسام ئىزلىرىڭ بىلەن.

    ياكى بولسام بىر تۇتام سايە،

    بىللە ياتسام ھىدلىرىڭ بىلەن.

     

     

     

    ئۆتۈپ كەتكەن چەكسىز بىر كۈندە،

    مەن ھەممىنى ھەممىنى ئەسلەپ،

    غېرىبلىقتەك تولغىشىپ ئاققان،

    ئېرىقتىكى لاي سۇغا گويا،

    ئۆلىۋالغۇم كەلدى بىر سەكرەپ.

     

     

    3

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    يوقلىمىدىم مەنمۇ ھېچكىمنى.

    قۇشقاچلاردىن سورىدىم تەكرار،

    باچكىلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن،

    ئەشۇ كەپسىز بالىلىق قېنى؟

    كۇركىرىغان پاقىلار ھازىر،

    تونىمايدۇ يوغان بۇرۇتۇمنى.

     

     

     

    كېچىلىرى سىيسەم كۆرپىگە،

    ئاقباش مومام قالاتتى قايناپ.

    بەلكىم ئەشۇ ئاپئاق پەرىشتەم،

    ئاران تاپقان بىر لۇقما گۆشنى،

    يېگۈزگەندۇ ماڭا ھەم چايناپ.

    ياكى كېچە يىغلىغان چاغدا،

    جىن چىراقنى تاپالماي تەكرار،

    سىپاشتۇرۇپ يىرتىق كىگىزنى،

    يېقىلغاندۇ ماڭا ئالدىراپ.

     

     

     

    موما

    مەن سېغىندىم بۈگۈن سېنىمۇ،

    ئەكىلەتتىڭ پېشىڭگە چىگىپ،

    پەتىلەردىن ماڭا چوك ناۋات.

    كەمپىت ياكى جىگدىلەر بىلەن،

    قوللىرىمدەك كىچىك ۋە نامرات،

    يانچۇقۇمنى قىلاتتىڭ ئاۋات.

    موما

    ئېسىڭدىمۇ قىشنىڭ كېچىسى،

    يۈرىكىڭدە ئۇخلىغانلىرىم؟

    ئېسىڭدىمۇ ئىسسىق-تومۇزدا،

    ئېتىكىڭدە مۇزلىغانلىرىم.

    موما

    ئەشۇ كۈنى بارسام ئۆيۈڭگە،

    بوسۇغاڭدا تۇرۇپتۇ ساقلاپ،

    مەن كوچىدىن تېپىپ ئەكەلگەن،

    كىچىك ئاسلان قېرى مىياڭلاپ.

    ئىشىڭدە تونۇش قۇلپاڭمۇ،

    غازاڭلاردەك قاپتۇ سالپىيىپ،

    تىتىرىگەن قوللىرىم بىلەن،

    ئاچالمىدىم ئاچقۇچنى سېلىپ.

    موما

    ئىسلىق موراڭ يېتىپ ئوڭدىغەي،

    نەرە تارتىپ چىقتى ئالدىمغا،

    مەن سۇندۇرغان كونا ئايىقىڭ،

    قوشۇقىنى تاپالماي جىمجىت،

    سېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ بۇندا.

    چاي چەينەكنىڭ كۆزىدە لىق ياش،

    داستىخىنىڭ ياتار تولغىنىپ،

    جىن چىرىىقىڭ ساقلايدۇ سېنى،

    ئۈمىد بىلەن قىسىپ بوينىنى،

    كېلىدۇ دەپ سېنى ئويغىنىپ.

    موما

    مەن نېمىشقا نامرات تېخىچە؟

    بۇلمىقىڭنىڭ قەرىزلىرىنى،

    قانداق تۆلەپ بولاي ئۆلگىچە؟

    موما

    بىلمەپتىمەن سېغىنغىنىڭنى.

    ئوقۇيمەن دەپ قالماق يۇرتىدا،

    ئويۇن بىلەن كۈلكە كويىدا.

    بىلمەپتىمەن موماي بولغاندا،

    بىر مېنىلا سۆيگەنلىرىڭنى.

    بىلمەپتىمەن ئولتۇرساڭ-قوپساڭ،

    مېنى ئويلاپ يۈرگەنلىرىڭنى.

    بىلمەپتىمەن داستىخاندىمۇ،

    مەن كەپسىزنى ئەسلىگىنىڭنى.

    بىلمەپتىمەن سەكراتتىمۇ ھەم،

    سەت ئىسمىمنى چاقىرغىنىڭنى.

    موما

    قەبرەڭنى مەن يوقلىيالمىدىم،

    بەلكىم يامغۇر قويغاندۇ تۈزلەپ،

    ئەمما ئورۇق مۇئەللىم نەۋرەڭ،

    گۆدەك، سەبى ھېسياتى بىلەن،

    گۆدەك سەبى كۆزى بارلارغا،

    چۆچىكىڭنى بېرىدۇ سۆزلەپ.

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    كۆردۈم يەنە يۈرۈكۈم بىلەن،

    جەننەتتىكى ئاپئاق چېچىڭنى.

     

     

    4

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    جىمى تۇيغۇ سۈكىنات بىلەن،

    باغاشلىشىپ كەلمەكتە ئاستا.

    مەن

    «ئۇنتۇش» دېگەن بىر ئېغىز گەپنى

    «ئەسلەش» دېگەن «مۇدھىش» تەك يېزىپ،

    كۈلمەكتىمەن تامدا، ياغاچتا.

    ئۆگەنگۈم يوق ئىدى ئەزەلدىن،

    يالغانلاردىن يىغلاش، كۈلۈشنى.

    مەن سۆيمىگەن سۆيۈملۈك ھايات،

    كۆپ ئۆگەتتى شۇنى ئەڭ باشتا.

     

     

     

    مەن

    ئىدىم تېخى بىر گۆدەك شۇمتەك،

    «ئادەم» دېگەن يوغان ۋىۋىسكا،

    ئېغىر كەلدى كاللامغا قەۋەت،

    قاچانلاردىن سانالدىم«گاداي»

    بىلەلمىدىم ئېيتقىنا كارۋات!

    ئەينەكتىكى ساقال-بۇرۇتنى،

    مەن زادى نېمە دەپ ئاتاي؟

     

     

     

    مەن

    ئويغانمىغان بۆشۈكۈم بىلەن،

    ئۆلۈپ كەتكەن مۈشۈكۈم بىلەن،

    ئالبۇمدىكى مومامنى ئېلىپ،

    قېچىپ بېرىپ بالىلىقىمغا،

    ئېغى ئوچۇق ئىشتاننى كېيىپ،

    چاپقۇم كەلدى تالچىۋىق مېنىپ.

    ئېلەكتىكى قارا قومچاقنى،

    ئازمىدىكى بېلىجانلارنى،

    ئۆلتۈرۋەتكۈم كەلدى قۇچاقلاپ.

    ھاياقىلماي ئوماق قىزچاقتىن،

    قويغۇم كەلدى ئېرىققا سىيىپ.

    بەلكىم يىغلار

    قوشنىلارنىڭكىدە،

    مەندەك يوغان  بولغان بىر قىزچاق.

    ئەمما گۆدەك ھايتاق چېغىمدا،

    ئەشۇ يوغان بولغان قىزچاقنى،

    سۆيۈۋالغان ئىدىم باغاشلاپ.

    ئۇ«ئانامغا دەيمەن» دېگەنچە،

    غايىپ بولار ئىدى يىغلىغاچ،

    مەن قاچاتتىم پارت-پۇرت شاپاشلاپ.

    ئەتىسى

    مارىلايتتى ئۇنىڭ ئېغىدىن،

    ماڭا تېخى ئەسقاتمايدىغان،

    ئاپتاپتىكى مۈشۈكنىڭ كۆزى.

    ئويلاپ باقسام بۇرۇتۇم بىلەن،

    ئادەم كىچىك تەنتەكلىكىدە،

    ئىكەن ئەسلى تەخەينىڭ ئۆزى.

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىركۈنى،

    سېغىندۇردى شۇقىزنىڭ كۆزى.

     

     

    5

     

     

    سىنتەبىرىڭ چەكسىز بىركۈنى،

    ھېيت بولغاندەك تېپتىنىچ ئۆيدە،

    سۆيمەكتىمەن يەنە ھېچكىمنى.

     

     

     

    ئۆتۈپ كەتتى ئىشىڭ ئالدىدىن،

    ھورۇن ئېشەك سۆرىگەن ھارۋا.

    لىق پاسار ۋە دەرت-ئەلەم بېسىپ،

    بەلكىم مېنىڭ كەلگەندۇ ئۆلگۈم.

    مەن تېخىچە يىغلاپ بولمىغان،

    كۆزياشلىرىم قالغۇدەك ئېشىپ.

    ئەمما يولدا يوقتۇر ھېچبىر ئىز.

    سەن قەيەردە ئەي غورۇرسىز،

    ماڭا تۆھمەت قىلغان ھېجىقىز!

    نېمە تاپتىڭ ھاياتتىن ئاخىر؟

    خوشامەت ۋە يالاقچى بولۇپ.

    نېمە لازىم ئېيتقىنا ساڭا؟

    ئۆلمەسسەنمۇ ئەتە قان قۇسۇپ.

     

     

     

    ئۆلگۈم يوقكەن يەنە ئويلىسام،

    ئويلاپ يەنە ئۇزاپ بارمايلا،

    قالار يەنە يولۇم توسۇلۇپ.

    سىنتەبىردەك سېخى تەڭرىدىن،

    ئۆلەي ئاندىن بىرئاز ئۇقۇشۇپ.

     

     

     

    ئەمما

    مەن تىرىكمۇ ئېيتقىن ئەي پاشا؟

    مەن تىرىكمۇ جۈپتى يوق پايپاق؟

    مەن تىرىكمۇ ئېيتقىنا شەيتان؟

    مەن تىرىكمۇ ئېيتقىن ئەي چايدان؟

    مەن ياشىغان مەنىسىز سائەت!

    مەن يىغلىغان بۇلتۇرقى كۆزياش!

    ئىچىلمىگەن، ئوخشىمىغان ئاش!

    چېچى ئۇزۇن قاغىلىقلىق ياش؟

    سەن تامدىكى مەبۇد بولغاندا،

    روھىڭ گىتتار چېلىپ چىرقىراپ،

    «ئەركىن مەن» دەپ يۈرەر ئالدىراش.

    بىلىپ قويغىن ئەي رەزىل جاھان،

    تەقدىر كېلەر يەنە پىرقىراپ!

    ئېيتىپ بەرگىن ئەمما بىر قېتىم،

    مەن ئۆلۈكمۇ، تىرىكمۇ، شۇتاپ؟

    مەن

    چىدىماستىن قىيناشلىرىڭغا،

    ياشاۋېرەي چىشىمنى چىشلەپ،

    سەن كېتىۋەر كىمنىدۇر قەستلەپ.

     

     

     

    بۈگۈن

    سىنتەبىرنىڭ سەيشەنبە كۈنى،

    كامىرىدىن چىققىلى قويماي،

    چاشقانلارغا قورقۇنىچ سېلىپ،

    مەن ياتىمەن ياتاقتا يالغۇز.

    جېنىم ئانا، ئوغلۇڭ بەك غېرىپ،

    تۆت تام بىلەن سوغۇق كارۋاتتا،

    بۇ غېرىبلىق كەتمىسۇن قېرىپ.

    ئېبەرتىپ بەر بىر تۇتام يالپۇز،

    پۇراپ ياتاي يېشىل رەڭ ھىدنى،

    كۆرۈپ ياتاي تىنىقلىرىڭنى.

    ئانا

    شاماللارغا بەردىم تۇيدۇرماي،

    يۈرىكىمنى قوشاققا قېتىپ،

    تۇتىۋالغىن يۈرىكىڭ بىلەن،

    پەپىلەپ قوي جەينىكىڭ بىلەن،

    ئۇخلىۋالاي خىيالغا پېتىپ.

    ئەمما ئۇيقۇ كەشىنى ئىزدەپ،

    نەلەرگىدۇر كېتىپتۇ قېچىپ.

     

     

     

    ئانا

    پولو ئەتمەس بولدۇڭ ھە قاچان،

    مەن بولمىغاچ داستىخىنىڭدا.

    تەبرىكلىدىم تۇغقان كۈنۈڭنى،

    ئىككى مولۇق تېلىفۇنۇمدا.

     

     

    6

     

     

    چىقىپ كىردىم ئۆيدىن تالاغا.

    تالادا

    كۈز بولماقتا بۇرۇنقىدەكلا.

    توشىماقتا كالا، ئېشەكلەر،

    ئەمەتكامنى ياكى پاسارنى.

    ئوينىماقتا بالىلار غەمسىز،

    ئازابلانماي قىلغىلى ئىش يوق،

    تاپانچىنى ياكى تانىنى.

    ئۇ بالىلار

    بىلمەيدىكەن ئويۇن ئويناشنى.

    دادا

    كەلگەنسەنمۇ دەردىڭنى سۆرەپ؟

    يۈرگەنسەنمۇ غەملىرىمنى يەپ؟

    تىنىم تاپماس خيالىڭ بىلەن،

    مەندەك يوغان ئوغلۇڭنى ئەسلەپ.

    دادا

    سەندىن ئۆتنە ئالغان يۈرۈكۈم،

    قىينالماقتا غېرىبلىق بىلەن.

    قانداق قىلاي ئەسلىمىلەرنى؟

    قانداق قىلاي مەۋھۇم كەلمىشنى؟

    چوڭ بولمىسام بوپتىكەن ئەسلى.

    تىزلىرىڭغا قونۇپ ئولتۇرۇپ،

    ئاڭلار ئىدىم قىززىق گېپىڭنى.

    پۈتۈن زېھنىم، ئەسيادىم بىلەن،

    ئاڭلار ئىدىم نەسىھىتىڭنى.

    ياكى قىززىق چۆچەكلىرىڭنى.

    ئېسىمدە دادا

    «كەندىر چۆچۆرىسى»،②

    «تاز بىلەن ماڭقا»③ ھېكايىسى ھەم.

    قۇرغۇي قوغلاپ يۈرگەن «سۈر ئېشەك»④.

     

     

     

    دادا

    ئادەم دېگەن قىممەت ماركىغا،

    مەن ئېرىشكەن شۇ كۈندىن باشلاپ،

    ھۆرمەت ياكى پەدىشەپ بىلەن،

    سەن كەتتىڭغۇ ئوغلۇڭنى تاشلاپ.

    دادا

    قاشلاپ قويغۇم كەلدى دۈمبەڭنى.

    ئەمما سەندە بامبۇك پەنجە بار.

    تۇتۇپ قويغۇم كەلدى مۈرەڭنى.

    ئەمما سەندە كاۋچۇك بولقا بار.

    كىچىمكىمدە دەيتتىڭغۇ دادا،

    كەلگىن بالام دۈمبەمنى قاشلا،

    كەلگىن بالام مۈرۈمگە مۇشىتلا.

    نېمە بوپتۇ چوڭ بولسام بۈگۈن؟

    مەن يەنىلا شۇ ئەخمەق بالاڭ.

    چوڭ-كىچىكنىڭ نېمە پەرقى بار؟

    جېنىم دادا سېغىندىم سېنى.

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى.

     

     

    7

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىر كۈنى،

    سۈكۈتلەرنىڭ ئاستىدا قېلىپ،

    مەن سۆيگەن قىز ئەسلىدىم سېنى.

     

     

     

    قىزچاق

    كۆرمىدىڭمۇ ؟

    سەن كېتىۋاتقان يولنىڭ بويىدا،

    يۈرىكىنى قولىغا ئېلىپ،

    گەج ھەيكەلدەك تاتارغان مېنى.

    كۆرمىدىڭمۇ ئىزىڭنى بويلاپ،

    قېتىپ كەتكەن يېڭى ئىزىمنى؟

    قىزچاق!

    كېتىپ قالدىڭ باشقىلار بىلەن،

    قاراپ قالدىم ھەسرىتىم بىلەن.

    كۈتۈپ باقتىم تەسەۋۋۇرۇمدا،

    قوڭغۇز كەبى جاھىللىق بىلەن.

     

     

     

    چۈشۈمدە

    ساڭا ئېيتتىم نۇرغۇن گەپلەرنى.

    ئىلغىيالماي قالساڭ مۇبادا،

    تۇتۇپ بەردىم ساڭا تەڭرىنى.

    ئوڭۇمدا

    مەن ئېلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن،

    يۈدۈپ كەلدىم كونا ئۈمىدنى.

     

     

     

    ئۆلۈپ كەتتى دېدىڭمۇ مېنى؟

    نەزىرىسىگە كەلگىن كۈتۈشنىڭ.

    توغراپ بېرەي داستىخان سېلىپ،

    يۈرۈكۈمنى ئۇششاق پارچىلاپ.

    ساتقىن ئۇنى قولۇڭغا ئېلىپ،

    مېنى مۇنداق سۆيەر بېرى دەپ.

    ئاتقىن كۈچەپ ئېگىز تاغلارغا،

    ئۇ يېقىلار ئالدىڭغا دەۋرەپ.

    چاچقىن ئۇنى تەكلىماكانغا،

    دېڭىز بولار قۇملۇق تىترەپ.

    چىلاپ قويغىن بىر قەدەھ مەيگە،

    سۆيگۈم چىقار ئالدىڭغا سەكرەپ.

    كۆمۈپ قويغىن ئەڭ پىنھان جايغا،

    روھىم كېلەر قېشىڭغا لەيلەپ.

    كۈتۈشلەرنى ئۆلتۈرۋەت جېنىم،

    كەلگىن پەقەت بىررەت يېنىمغا،

    مەنمۇ ياشاپ باقاي سەن بىلەن،

    ھاياتىمنى ئۆلمەپتىكەن دەپ.

    ياشاپ باقاي كۈلەلەيمەن دەپ.

     

     

     

    ⑤«ئاھ! بۇ چەكسىز غېرىبلىق بىلەن،

    بۈدۈرە قىلىپ سۈكۈتلىرىمنى،

    ھەرىدىدىم ئىسسىق جېنىمنى.

    جەرىمانە قويدۇم پەم بىلەن،

    سېنى ساختا يۈرىكى بىلەن،

    سۆيىمەن دەپ ئالدىغان تازغا؟

    ئېيتقىنا سەن بىلەمسەن شۇنى؟

    ساڭا ئاتاپ ئۆلتۈردۈم ئۇنى.

    دېيەلمىگەن بولساممۇ گەرچە،

    سېنى چەكسىز سۆيگەنلىرىمنى،

    سېنى خۇشال بولسۇن دەپ ئەمەس،

    ئۆزۈم خۇشال بولماقنى ئىزدەپ،

    پاي-پېتەك بوپ يۈرگەنلىرىمنى.»⑤

     

     

     

    قىزچاق!

    ئۆلۈپ كەتسەم توي قىلغان كۈنى،

    سەن ھېچكىمگە ئېيتىپ قويمىغىن،

    يۈرىكىمنىڭ سەندىلىكىنى.

    قىزچاق!

    ياشاپ قالسام سەن ئۆلگەن كۈنى،

    ئېيتىپ قويغىن پەرىشتىلەرگە،

    سېنىڭ تويۇڭ بولغان شۇ كۈنى،

    مۇھەببەتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى.

     

     

     

    قىزچاق!

    سىنتەبىرنىڭ سەيشەنبە كۈنى،

    سېغىنىشنىڭ ياۋۇزلىقىدا،

    بوغۇزلىدىم نەچچەرەت سېنى.

     

     

    8

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز كېچىسى،

    باشلانماقچى بولدى تالادا.

    غېرىبلىقنىڭ يالغۇز كۈيچىسى،

    جاينامازغا كۈلدى ياتاقتا.

     

     

    نامازگاھتا پۈكۈلگەن دۇنيا…

    دۇئالارغا كۆمۈلگەن سادا…

    جىمجىتقىنە ياش تۆككەن ۋەتەن…

    ئالىجوقا چاقنىغان نۇردا،

    ئۆلىۋالغۇم كەلدىغۇ قەستەن.

     

     

    پەرھات سېنى سۆيەتتى ھايات،

    تاشلىۋەتتىڭ ئۇنى سەن پات-پات.

     

     

    خۇدا كەلدى ئېسىمگە ئاخىر،

    جاينامازدا ئولتۇردۇق ئۇزاق.

    ئەينەكتىكى قېپقىزىل كۆزگە،

    يالغان كۈلۈپ قارىدۇق ئۇزاق.

     

     

    يۇلتۇزلارنىڭ گۈزەل تىۋىشى،

    دەرىزەمنى چەكمەكتە ئەنسىز.

    كۇركىرىغان پاقىلار بەلكىم،

    كېتىشكەندۇ كەچلىك سەيلىگە،

    چىرىلدىغان تەنھا چېكەتكە،

    مەندىن غېرىپ ئىكەن ئەسلىدە.

     

     

    ئويلاپ قالدىم ئەي ئۇلۇغ خۇدا!

    يوقكەن مەندە ھېچقانداق ئۈلپەت.

    ئايدىڭدىكى غۇۋا كەچمىشتىن،

    چىلەكتىكى تىنمىغان سۇدىن،

    ساپما كەشتىن،

    يىرتىق پەردىدىن،

    قاۋىغان ئىتتىن،

    تۆشۈك پايپاقتىن،

    مەكتەپتىكى مۇئەللىملىكتىن،

    جاھىل، تەرسا قېرى مۇدېردىن،

    يەنە ئاۋۇ ئۈستىلىمدىكى

    قەغەزلەردە بۇقۇلداۋاتقان،

    مۇڭدىن، ئۈمۈدتىن، ياكى سېنىڭدىن،

    مېنى شۇنداق شېئىرۋاز قىلغان،

    ئوتتۇز ئىككى قەدىناس دوستتىن.

    يوقكەن مەندە ھېچقانداق بايلىق.

    يوقكەن مەندە ئارتۇقچە تاما.

    باركەن يەنە تۆت تەڭگە ئايلىق.

    بۇلتۇر ئالغان كونا چاپىنىم.

    بالدۇركەلگەن ئازغۇن سوغۇقتا،

    ئوتۇ-كۆمۈر، ئىسسىق سېغىنىپ،

    شالاسى يوق قەدىناس مېشىم.

    خاتىرەم ۋە ناتۇنۇش بولغان،

    مېنىڭ كونا يېقىن سىردېشىم.

    يوقكەن مەندە سۆيۈملۈك بىر يار.

    يوقكەن مەندە ئېسىل بىر كوڭكا.

    يوقكەن ھەتتا ئىللىق بىر ئۆيۈم.

    «مالىم»مەن دەپ يۈرگىنىم بىلەن،

    يوقكەن مەندە ئۇنچىلىك ساپا.

    ياكى ماڭا لايىق كەلگۈدەك،

    جاراڭلىقراق چىرايلىق سادا.

    باركەن مەندە قۇپقۇرۇق قەلىب،

    باركەن يەنە لىپمۇلىق كۆڭۈل.

    باركەن ئاددى ئىككى بوغۇملۇق،

    ھېچكىم بىلمەس جوندەك بىر ئىسمىم.

    باركەن تېخى ئەڭ ئۇلۇغ تەڭرىم...

     

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز بىركۈنى،

    كۈلگۈم كەلدى ئۆزۈمگە قاراپ.

    مەن كۈلۈشنى ئويلىغان چاغدا،

    يىغا كېلەر تالادىن ماراپ.

    سەيشەنبىنىڭ چەكسىز ئاخشىمى،

    دېرىزىدىن تۇرىدۇ قاراپ…

     

     

    9

     

     

    سايراپ قالدى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن،

    تېلىفۇنۇم مېنىڭ ئەمەستەك

    تونىمىدىم سۆيۈملۈك نۇمۇر،

    كەلگەنسەنمۇ ئېزىققان مەستتەك.

    توۋا!

    باركەن مېنى ئىزدەپ قويغىدەك،

    خاتا تېلفۇن ئۇرغان بىر ئەبلەخ!

    تىللىسىمۇ كۈلدۈم يەنىلا،

    بەلكىم غېرىب بولساڭ ئەي تېرەك،

    دېمەس ئىدىڭ مېنى «جىڭ ئەخمەق»

     

     

     

    ئىچكۈم كەلدى بىر قاپاق پىۋا.

    كۈلگۈم كەلدى جان جەھلىم بىلەن.

    يىغلىغۇم بار يەنە مەن بىلەن.

    سېغىنغۇم بار خۇداغا جىمجىت.

    توي قىلغۇم بار ئەشۇ قىز بىلەن.

     

     

     

    ئېچىپ كەتتىم ياتاقتا بۈگۈن.

    سېسىپ كەتتى يالغۇزلۇقۇممۇ.

    توزۇپ كەتتى گۈزەل خىياللار،

    قۇرۇپ كەتتى كۆزياشلىرىممۇ.

     

     

     

    بىلىپ قويغىن شۇنى ئەي ھايات،

    تەكلىماكان باغرىدا ھازىر،

    يىغلىيالماي غېرىب بىر شائىر،

    توپا-چاڭغا ئامراق بىر يۇرتتا،

    كۈيلىمەكتە سېنىلا ئاخىر.

     

     

     

    بىلىپ قويغىن ۋاپاسىز ھايات.

    سۆيدۈم سېنى ئۆزۈمدىنمۇ بەك.

    ئەڭ سەمىمى پاكلىقىم بىلەن،

    كەلدىم ياشاپ بەخىتىمنى ئىزدەپ.

     

     

     

    بىلىپ قويغىن يىغلاڭغۇ ھايات،

    مەن كۈلمىدىم بېكارغا ئاچچىق.

    ئېلىپ بەردىڭ تۇرمۇش قوينىدىن،

    دەرت ئەلەمنى ماڭا بەكلا جىق.

     

     

     

    رازى بولدۇم ھەممە نەرسىگە،

    چىداپ كەلدىم ئۆگەيلىشىڭگە.

    بىلەلمىدىم ئەمدى نېمە دەي،

    تەكرار-تەكرار سىلكىشلىرىڭگە.

     

     

     

    تەقدىرىمنى بەرگەن ساڭا كىم؟

    بۇنچىۋالا ئەخمەق قىلىشقا،

    شۇنچە كەڭرى ئۇيغۇر ئارىسىدىن،

    مەندىن ئۆزگە

    چىقمىدىمۇ يەنە بىرەر كىم؟

     

     

     

    يىغىپ كەلسەم بۈگۈن بىر كۈننى،

    ئۆتۈپتىمەن تۈنۈگۈنكىدەك.

    تۈنۈگۈنگە ئوخشايدۇ بۇلتۇر.

    بۇلتۇرقىغا ئوخشىايدۇ ئون يىل.

     

     

     

    ئون يىل!

    ئۈچمىڭ ئالتەيۈز ئاتمىش يەتتە كۈن!⑥

    بەك ئوخشايدۇ خۇددى بۈگۈنگە.

    ئېچىنىشلىق ئون يىل غېرىبلىق.

    ئۆتۈپ كەتتى ئوخشاپ تۈتۈنگە.

    ئون يىل كۈتسەم ئاۋات بولۇشنى،

    بەرگىنىڭ ئەي خۇدا يەنە يالغۇزلۇق.

    ئون يىل سۆيسەم مۇشۇ ھاياتنى،

    كەچمىشلىرىم ئاچچىق ھەم تۇزلۇق.

    باسمىدىممۇ بىرەر قەدەمنى،

    ئېيتقىن تەڭرىم ئازراق ئوڭۇشلۇق؟

     

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز كېچىسى،

    غېرىبلىقتەك سوزۇلۇپ ئۇزۇن،

    يۈرۈكۈمگە قويۇپ بېشىنى.

    ئۇخلاپ قالدى ئۇنتۇپ چۈشىنى.

     

     

    10

     

     

    سىنتەبىرنىڭ چەكسىز كېچىسى،

    ئۇخلاپ قالدى ئۇنتۇپ چۈشىنى.

    ئۇخلىمىغان قوللىرىم ھازىر،

    كۈيلىمەكتە تازنى، چۈجىنى.

     

     

    كېچە

    سېلىۋېتىپ ئىچ كېيىمىنى،

    باغاشلىغان چاغدا دۇنيانى،

    باغاشلىدىم مەنمۇ موزايدەك،

    ئۆلۈپ كەتكەن غېرىبلىقىمنى.

     

     

     

    پەرىشتەم !

    «شاماللاردىن سورىسام سېنى،

    دېدى يايرىڭ گۈللەر بەرگىدە.

    گۈل ھىدىدەك ھىدلىيالمىدىم،

    قالدى ئىزىم ئىشىكلىرىڭدە.»⑦

    يۈرۈكۈمنى ئۆزۈمدە دېسەم،

    ئۇ ئەسلىدە ئىكەن سېنىڭدە.

     

     

     

    ئۇنتۇپ كېتەي كېچىنى ھازىر.

    ئۇنتۇپ كېتەي سېنىمۇ مەيلى.

    يالغۇزلۇقتا ئۆلۈپ قالغۇچە،

    ئۇنتۇپ كېتەي شېئىرۋازلىقنى.

     

     

    11

     

     

    ئىت قاۋىغان چەكسىز بىر كېچە…

    ئېشەكلەردەك ھاڭرىغان ھۇجرا…

    ئېنتېرنېتقا دۈم چۈشكەن شائىر…

    بىرقىزچاقنى سۆيگەن مۇھەببەت…

    دادىسىنى سېغىنغان بالا…

    ئىمانىغا ئاسى خىياللار…

    تەشۋىشلەرگە يەم بولغان تالا…

    يامغۇر ياغقان غېرىب سەيشەنبە…

    ئاخىرلاشماق بولغان سىنتەبىر…

    ئاخىرلاشماس غېرىبلىق كۈيى…

    كالامپايلىق قىلغان مۇساپىر…

    تۇيغۇلاردا چېچىلغان كەچمىش…

    رەتلەنمىگەن كارۋاتلىق ياتاق…

    ئۆمىلىگەن ماغدۇرسىز پايپاق…

    ئوغۇرلۇقچە كىرگەن سەت پاقا…

    قەبرىستاندا يالغۇز قالغان روھ…

    سەھرادىكى مۇلايىم ئۆگزە…

    ئون يىل بۇرۇن يىرتىلغان ياقا…

    بەش يىل بۇرۇن تۇغۇلغان دۇنيا…

    مېنى ئەسلەپ تۇرغان كۆز ياشلار…

    دادامدىكى مېنىڭ يۈرىكىم…

    كۆكسۈمدىكى ئانامنىڭ جېنى…

    كۆزۈمدىكى تەڭرىنىڭ تۈنى…

    تىلىمدىكى ئىماننىڭ نۇرى…

    يېنىمدىكى مۇزدەك پەرىشتە…

    ھېچيەردىكى چەكسىز غېرىبلىق…

    كۆرپىلەردەك قاتتىق مىجىلىش…

    يوتقانلاردەك ئېغىر دەرت-ئەلەم…

    بۇقۇلدىغان قۇلدەك بىرقەلەم…

    ئاتالمىغان ئاتامىراس لەقەم…

    غىڭشىۋاتقان پاشىدەك غەيۋەت…

    مەن كۈتمىگەن سېسىق شىكايەت…

    «رۇستەم»*سۆيگەن گۈزەل نازاكەت…

    «سۇلايمان»*نىڭ يىراق جاڭگىلى…

    تۆۋە قىلغان بۇزۇق«ئىبادەت»*…

    «ساجىدە»*نىڭ ئىبلىس چاڭگىلى…

    مەن ئىشەنگەن سېنىڭ ئازمىشىڭ…

    سەن بىلمىگەن ئالدىنىش يولى…

    مەن كۈتمىگەن سېنىڭ كۆزيېشىڭ…

    مەن ئۆلمىگەن يالغۇزلۇق چۆلى…

    ناتىۋان بىر ئاشىقنىڭ قولى…

    لامپۇچكىدا مۈگىدىگەن مەن…

    ئۇيقۇسىراپ كەتكەن يەنە مەن…

    كومپىيۇتېر چالغان مۇزىكا…

    بېتخوۋېننىڭ «چۈشتىكى توي»⑧ى…

    مەن سېغىنغان توققۇز بارمىقىڭ…

    مەن سېغىنغان مومامنىڭ ئۆيى…

    باشبارماقتەك خۇشاللىق سېنىڭ…

    جىمى سۆزلەر مېنىڭدۇر مېنىڭ…

     

     

    12

     

     

    سىنتەبىرنىڭ سەيشەنبە كۈنى…

    غېرىبلىقنىڭ چەسىز بىركۈنى…

    مۇھەببەتكە تولغان يۈرۈكۈم،

    تەبرىكلىگەن ھېچكىمنىڭ ئەمەس،

    ئۆزۈمنىڭكى تۇغۇلغان كۈنى…

     

     

    2010-يىلى9-ئاينىڭ سەيشەنبە كۈنى⑨قارقاش.ياۋا

    2010-يىلى10-ئاينىڭ سەيشەنبە⑩ كۈنى شەھرى خوتەندە قايتا تۈزىتىلدى.

     

    _______________________________________________________________

    ئىزاھات:

    ①  يەرلىك شىۋىدەچوڭ ئادەم مەنىسىدە.

    ②  ③④ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىنىڭ نامى.

    ⑤بۇ بۆلەك ئايرىم ”مۇۋەششەھ“ بولغاچقا قوشتىرقان ئىچىگە ئېلىندى.

    ⑥كەبىسە يىلىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

    ⑦بۇ كۇپلىت ئاپتورنىڭ شۇ ناملىق ناخشىسىدىن ئېلىندى.

    ⑧بېتخوۋېننىڭ ”چۈشتىكى توي“ناملىق سېمفونىيىسى كۆزدە تۇتۇلدى.

    ⑨شېئىر ئېھتىياجى تۈپەيلى مۇشۇ بويىچە ئېلىندى. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەيشەنبە كۈنىنى يەنى ئاپتورنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى نەزەرگە ئېلىڭ.

    ⑩2010-يىلى 10-ئاينىڭ بىرىنچى سەيشەنبىسىنى نەزەرگە ئېلىڭ.

    *بەلگىسىدىكى ئىسىملارغا ئىزاھات:

    *بەلگىسى قويۇلغان بارلىق ئىسىملار ئاپتورنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىدىكى (قىسمەن)باش پىرسۇناژلارنىڭ ئىسمى بولۇپ، شېئىردا، يالغۇز قالغاندا ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى شۇ پىرسۇناژلارنىمۇ بىرقۇر ئەسلەپ مۇڭدىشىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.