مېنىڭ ئېتىزلىقىم

يوللىغۇچى : Dilheste2.0 يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-24 16:00:00

مېنىڭ ئېتىزلىقىم مېنىڭ ئېتىزلىقىم (بويىغا يەتكەن قىز تىلىدىن) ناھايىتى كەڭ كەتكەن ، بىپايان مۇنبەت تۇپراق ئىگىسىز ، قاغجىراپ تۇرغان بۇ يەردە نە گۈللەر ، نە بۇغداي يوق ياۋا ئوت – چۆپلەر ، شۇمب...

    مېنىڭ ئېتىزلىقىم 

       مېنىڭ ئېتىزلىقىم (بويىغا يەتكەن قىز تىلىدىن)

    ناھايىتى كەڭ كەتكەن ،
    بىپايان مۇنبەت تۇپراق
    ئىگىسىز ، قاغجىراپ تۇرغان
    بۇ يەردە نە گۈللەر ،
    نە بۇغداي يوق ياۋا ئوت – چۆپلەر ،

     شۇمبۇيىلار  بوي تالىشىپ ئۆسكەن
     تىكەنلەر سۇ تىلەيدۇ ئاپتاپ تىلىدا ،
    سۇ تىلەيدۇ تىكەن شېكىرى ،
    ئوخشىغان ، گەز باغلىغان تۇپراق قوينىدا .
    ئارغىماقنىڭ ئېسىگە يەتمەس ،
    بوي تالاشقان ئوت – چۆپلەر يەتمەس .

     بىر توپ ئايغىر چېپىپ ئۆتىدۇ ،
    يېرىم كېچە ئېسىنى يىغىپ ،
    چوغنى پۇۋلەپ ، پۇۋلەپ كېتىدۇ،
    تاڭ ئاتقىچە دەريا سېغىنىپ .

     تاڭ ئاتقاندا يەنە بىر ئايغىر ،
    بىر مەش ئوتنى قويۇپ ئۆتىدۇ .
    ئارغىماقنىڭ ئېسىگە يەتمەس ،
    بۇ ئوت تەندە كۆيۈپ ئۆتىدۇ .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:39:50]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مېنىڭ ئېتىزلىقىم