يېرىمى قاناپ تۇرغان...

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-14 13:17:00

بىر گۈزەللىك غەمكىن بىر ئايال بوران چىققان ئەشۇ كېچىگە رومىلنى تاشلاپ چىقتى بىرگۈزەل، ئۇچار ئۇندا مەسىت كەبىي شامال چاچلىرىنى بىر-بىردىن ئۈزەر. بەكمۇ رەزىل كوچا ئىدى بۇ ھىلال ئاينى قىلار مە...

     بىر گۈزەللىك غەمكىن بىر ئايال
    بوران چىققان ئەشۇ كېچىگە رومىلنى تاشلاپ
    چىقتى بىرگۈزەل، ئۇچار ئۇندا مەسىت كەبىي شامال
    چاچلىرىنى بىر-بىردىن ئۈزەر.
    بەكمۇ رەزىل كوچا ئىدى بۇ ھىلال ئاينى قىلار مەسخىرە،
    قۇياش تېمىپ تۇرغان چېھرىدىن گۇناھ بولدى
    ئاڭا ئابىدە. ئۆمۈر شۇنچە دەھشەتلىك بىر چۈش
    ھايات ئاڭا بەرگەن قۇربانلىق ،
    دىلىمغا سۆز كەلمىدى بۇ دەم دىلىڭ تىلەر ماڭا ئامانلىق...
    ئۇندا سۆزلەر غەمكىن بىرگۈزەل
    بېدە چېچەك ئاتقان تاڭلاردا،
    كېلەچىكىڭ مەڭگۈلۈك بىر يول كۈتتۈڭ
    نىمە قاخشال باغلاردا...
    يېرىمى قاناپ تۇرغان بىر يۈرەك
    مەن ئەمدى خوش دەي دېگەنتىم
    قارلىغاچلار ئەكەلدى يامغۇر،
    يامغۇر ھامان قايتىپ كېلىدۇ
    ھېچ بولمىسا كۆز يېشى تاڭدۇر.
    شامال ماڭا بەرگەن بىر ۋەدە،
    يامغۇرۇڭنى ئەپكىلىمەن دەپ.
    ئايرىلىدۇ مۇھەببەت بىزدىن
    يىراقلىساق بىز ئۇندىن ئەبەد.
    سەن ئەمدى كېلەلمەيسەن ...
    كەلمىگەندەك مېنىڭ سۆيگۈنۈم،
    تاش ئېقىنلار قالار مۇز پېتى كۆكلەم
    كەبىي تۇرغان ئەي گۈلۈم.
    مەن كېلەچەك بىر پۈتۈنسۈرۈك،
    بىر يېرىمىم چىلانغان قانغا.
    بۇندا زۇلمەت ئەمەس ئەبەدىي،
     ئۇ ئوخشايدۇ مەڭگۈلۈك يارغا...؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق