قەدەھتە تاشقان رۇبائىيلار(نۇرمۇھەممەت ھاشىم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 01:57:52

قەدەھتە تاشقان رۇبائىيلارنۇرمۇھەممەت ھاشىم1شارابنى كۆپ ئىچتىم غەرق مەست بولدۇم،ئۆزۈمنى ئىگىلەپ شاھ-خاقان بولدۇم.ئىشقىمنىڭ گۆھىرى تاشتى خەزىنەمدىن،ھەممىدە بار بولدۇم، ھەمدە يوق بولدۇم.2كېچە-ك...

    قەدەھتە تاشقان رۇبائىيلار
    نۇرمۇھەممەت ھاشىم



    1

    شارابنى كۆپ ئىچتىم غەرق مەست بولدۇم،
    ئۆزۈمنى ئىگىلەپ شاھ-خاقان بولدۇم.
    ئىشقىمنىڭ گۆھىرى تاشتى خەزىنەمدىن،
    ھەممىدە بار بولدۇم، ھەمدە يوق بولدۇم.

    2

    كېچە-كۈندۈز شارابىمنى خۇش ئىتەي،
    جور بولۇپ يار ساڭا توختىماي ئىچەي.
    سىمايىڭ چاقنىغان مەيگە قاراپلا،
    بىر ئۆمۈر ئولتۇرۇپ مەست بولۇپ ئۆتەي.

    3

    قەدەھتە سۈزۈك مەي تىترەر تولۇن ئاي،
    مەستانە بولغانچە كۆزۈڭگە قاراي.
    مىسلىسىز گۈزەلدۇر ئاشۇ دەقىقە،
    بىر ئۇلۇغ ئېقىندەك ئۆركەشلەپ ئاقاي.

    4

    مۇھەببەت شارابتۇر، شاراب مۇھەببەت،
    بىرسىلا بولسىمۇ رازىمەن پەقەت.
    مۇھەببەت شەربىتى مەست قىلسا مېنى،
    شارابنىڭ لەززىتى ئۇنىڭدىن دەھشەت.

    5

    سەن ئاشىق بولمىساڭ ئىچمىگىن شاراب،
    ۋە ياكى ئاشىق بول ئىچكەندە شاراب.
    بىرسىمۇ بولمىسا سەندە ناۋادا،
    جىممىدە ئولتۇرغىن ئۆزۈڭگە قاراپ.

    6

    مەندە بار بىر يۈرەك مەسۇ-مەستانە،
    سۆيگۈگە لىق تولغان گۈل-گۈلىستانە.
    مەن گۈلىستاندا ھەم گۈلىستان مەندە،
    كەيپ مەن ئۆزۈمدە قىلىپ سەيلانە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.