ياشلىق، ئۈگەن -لۇتپۇللا مۇتەللىپ

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-09 13:15:00

ياشلىق، ئۈگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ياشلىق،تىرىش-تىرماش ھارماي ئۈگەن،ئىلىمنىڭ دېڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.نادانلىق ئۇ ، ھەممىنى بىلدىم دېگەن،كۆرۈپ... ۋاراقلاپلا بىر قۇر. ئىلىم مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئا...

             ياشلىق، ئۈگەن

          لۇتپۇللا مۇتەللىپ

    ياشلىق،تىرىش-تىرماش ھارماي ئۈگەن،
    ئىلىمنىڭ دېڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.
    نادانلىق ئۇ ، ھەممىنى بىلدىم دېگەن،
    كۆرۈپ... ۋاراقلاپلا بىر قۇر.

    ئىلىم  مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،
    بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقى ئون يىل!
    كۆزلا ئەمەس ئالدىڭغا نۇر چاچقۇچى،
    قاراڭغۇنى يورىتىدۇ يورۇق دىل.

    ھەربىر ھادىسە يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ،
    توقۇلمىلىرى ئۇنىڭ ئاجايىپ.
    ئىلىم ھارماس مەرت ئادەمنى ياقلايدۇ،
    ناداننىڭ كۆزىدىن ئۇ ھەرقاچان غايىپ.
     
    راھىپ بول ئىلىمنىڭ نازاكەت چۆلىدە،
    مۆجىزىلەر گۈمبىزىگە «شەيىخ».
    كۈن-تۈن زىكرى قىل شۇلار تۈۋىدە،
    ئىجتىھات سېنى دېگۈزمەس دەرىخ.

     ياشلىق،چاقماقسەن، چېقىپ ئۆچىسەن،
    ئەۋرىشىم چېغىڭ مۇشۇ،ئۈگەنگىن،ئۈگەن!
    قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆىسەن،
    ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن!

                          1943-يىل ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:46:21]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق