ئايالمۇ يامغۇر ... (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-23 19:27:00

ئايالمۇ يامغۇر ... ) چىمەنگۈل ئاۋۇت) تەبىئەت تۆكىدۇ مېنىڭ يېشىمنى. لېۋىمنى چىشلەيمەن چىدامىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمدىن، مېھرىڭدىن كېچەلەيمەن، بەس بىپەرۋا بولغىن سەن ۋە ياكى ئۆكۈن ئەينەكمۇ يىغلايدۇ گۈلگە ق...

     ئايالمۇ يامغۇر ...

    ) چىمەنگۈل ئاۋۇت)


     تەبىئەت تۆكىدۇ مېنىڭ يېشىمنى.
    لېۋىمنى چىشلەيمەن چىدامىڭ ئۈچۈن
    ئۆزۈمدىن، مېھرىڭدىن كېچەلەيمەن، بەس
    بىپەرۋا بولغىن سەن ۋە ياكى ئۆكۈن

    ئەينەكمۇ يىغلايدۇ گۈلگە قوشۇلۇپ،
    تېرەكلەر تىكلىنىپ تۇرار بەھۇزۇر
    شاخلارنى سىلكىتىپ باقمىدىم تېخى
    پاتقاقلار چېچەكلەپ كۆيمەكتە مەغرۇر.

     چوڭ يولدا كۈنلۈكسىز كېتىۋاتىمەن.
    يىرتىلغان پايپىقىمدا چاقنايدۇ بىر نۇر
    چېچىمنى چۇۋۇشقا بارمىدى رايىم،
    بىلمەيمەن، مەن ھازىر ئايالمۇ، يامغۇر...

     باغرىمدەك سۈزۈك ھەم باغرىمدەك چوڭقۇر
    سىقىلىپ، سىلكىنىپ ھورلانماقتا يەر،
    ئويلىسام، ساڭىلا دەپ باقماپتىمەن،
    ياشىغۇم كەپ قالدى شەيتاندىن بەتەر!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىمەنگۈل ئاۋۇت