سۇ چېقىنلىرى(ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 22:42:32

سۇ چېقىنلىرى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى1شۇنچىلىك گۈزەل ۋە مۇلايىم،بىر قۇتا ئىچىدە ئۇخلاپ ياتار جىم.باشلىرىنى قويغۇڭ كېلىدۇ سىلاپ،بىر تەلۋە تۇيغۇنىڭ دەردىگە چىداپ.نېمە دەپ تەرىپلەي ...




    سۇ چېقىنلىرى
    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

     

    1



    شۇنچىلىك گۈزەل ۋە مۇلايىم،
    بىر قۇتا ئىچىدە ئۇخلاپ ياتار جىم.
    باشلىرىنى قويغۇڭ كېلىدۇ سىلاپ،
    بىر تەلۋە تۇيغۇنىڭ دەردىگە چىداپ.

     

    نېمە دەپ تەرىپلەي سۈزۈكلۈكىنى،
    سۈزۈكتىن ئۆتە تۈزۈكلىكىنى...

     

    سىلىدىم ،سىلىدىم،
    بىر گەۋدە بولدى ئۇنىڭ بىلەن ئالقىنىم.
    قارىدىم ،قارىدىم،
    مەن ئۇنىڭ تېنى،
    ئۇ مېنىڭ تېرەمدۇر بەلكىم.

     

    ئىچىمدە ئاجايىپ قانماس بىر چاڭقاش،
    شۇ چاڭقاش ئىچىدە ئاقىدۇ قېنىم.
    چاڭقاشنىڭ ئىچىدە ئېغىر بىر قاناش،
    قاناشنىڭ دەردىدە قىينىلار جېنىم.

     

    ئالدىمدا بىر گەۋدە،
    شەكىلسىزلىك ئۇنى قىلغان پەيۋەندە .
    رەڭگى ئۈنلەيدۇ بولۇپ بىر كەپتەر،
    تەمى
    تاتلىق ئەمەس،
    ئاچچىق ئەمەس.
    دەپ بەرگىلى بولماس بىر تەم،
    ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن تارقىتار خەۋەر.
    مەن ئۈچۈن بەلكىم ،
    ئۇ بىر يېرىم كېچە،
    ياكى بىر سەھەر.

     

    تېرەم بىلەن  مۇڭدىشار،
    دەپ بەرگىلى بولماس بىر تىلدا.
    باغرىم بىلەن  ئوينىشار،
    كۆڭلۈم بىلەن بويلىشار،
    مۇقەددەس بىر ئاھاڭ،
    ئاھ بۈگۈن دىلدا!



    2



    ئاسماندىن تۆكۈلەر پەرىشتىلەر،
    چېچىمدا ئۇچرىشار  گويا ئىككى چۆل.
    بىر-بىرىگە چەكسىز يېقىنلىشار،
    قانماس جۈپ كۆڭۈل....



    3



    شامال ياپراقلارنىڭ كۆيۈك قەلبىنى،
    سوۋۇتۇشقا ئۇرىنار،
    ۋۇجۇدى بىلەن.
    لېكىن ياپراق كۆيەر،
    يامغۇرنىڭ سۆيۈشى
    ئۇنى سۆيۈپ ،سۆيۈپ تۈگىتەر.
    ئاھ بۇ سۆيۈك دەرتلىك نەقەدەر...!



    4



    بەزىدە قاتتىق....
    قاتتىقلىقى ئوخشايدۇ تاشقا .
    ياقساڭ لېكىن قەلبىڭنى
    سۈزۈكلۈك ۋە پاكىزلىق بىلەن،
    تاش ئېرىپ،
    ئايلىنىدۇ بىر تامچە ياشقا .
    تىلەيمەن رەببىمدىن ئەمما،
    تاش بولۇشنى يولاتما باشقا.



    5



     ئامراقلىقىمدىن
    يۇتۇۋەتكۈم كېلىدۇ قانماي...
    نازۇكلىقىدىن
    قارايمەن سائەتلەپ،
    كۆزۈمنى ئالماي.
    رەڭگى كۆك ياكى يېشىلغا
    يېقىنلاشقاندا،
    تۈگەيدۇ تاقەت بۇ ئاجىز جاندا.
    ئۇندىن ئۆزگە نەپىسلىك قالماس جاھاندا.
    ۋەسلىگە يەتسىمۇ لېكىن قانالماي،
    رىغبەت يوق ئالدىغا مېڭىشقا ،
    ياكى يانالماي
    يۈرەك پارە-پارە بولار ئارماندا.



    6



    نەچچە مىڭ يىل ئۇسسۇزلۇق ئازابىدا،
    باغرى كاۋاپ بولغان تەكلىماكان.
    سىموۋۇلى قەلبىمنىڭ بۈگۈن.
    باشلاپ كەلسە دېڭىزنى
    تەكلىماكان قانار.
    قەلبىم قانماس.
    باشلانغاندەك ئەمدى ئۇسسۇزلىقى.

     

    2010-يىلى 7-دېكابىر بېيجىڭ


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.