بولدى بەس

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 13:43:51

بولدى بەس گۈلجەننەت مۇھەممەت زەپ چىرايلىق كېلىشكەن بەكمۇ گۈزەل قىزكەنسەن،ھەر بىر ئىشىڭ بەك ناچار ياراشماپتۇ بولدى بەس.بەدەنلىرىڭ يالىڭاچ ھوزۇر ئالدى قانچىسىئاتا-ئاناڭ بىخەۋەر ئۇياتسىزلىق بولد...

    بولدى بەس

    گۈلجەننەت مۇھەممەت

    زەپ چىرايلىق كېلىشكەن بەكمۇ گۈزەل قىزكەنسەن،
    ھەر بىر ئىشىڭ بەك ناچار ياراشماپتۇ بولدى بەس.
    بەدەنلىرىڭ يالىڭاچ ھوزۇر ئالدى قانچىسى
    ئاتا-ئاناڭ بىخەۋەر ئۇياتسىزلىق بولدى بەس.

    زەپ چىرايلىق كېلىشكەن بەكمۇ گۈزەل قىزكەنسەن،
    باشقۇرۋالغىن ئۆزۈڭنى سۆزلىمەيلى بولدى بەس.
    ھەر بىر ئىنسان دۇنيادا ھايا بىلەن چىرايلىق،
    پاچىقىڭنى ياپ قىزچاق، سەتلەشمىگىن بولدى بەس.

    ئەلمىساقتىن شۇنداقتۇر قىزلار دۇنيا ئانىسى،
    سېنىڭ كۆڭلۈڭ تىنمامدۇ ئالماي ئاۋام قارغىشى.
    شەرمى-ھايا، ۋاپالىق ئۆزۈڭنى بىل سەن ئۇيغۇر،
    ياراملىقمۇ بولارمۇ سەندەك ئانا بالىسى.

    زەپ چىرايلىق كىلىشكەن بەكمۇ گۈزەل قىزكەنسەن،
    بۇ جامالىڭ ھۆسنىڭگە ھېچكىم ساڭا يېتەلمەس.
    ئەدەب ئەخلاق بابىغا كىرەلىشىڭ بەكمۇ تەس،
    سەندەك قىلىن قىزلارمۇ يوقالسىكەن بولدى بەس.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.