جىمجىت شەھەر __(شېئىر) ر.م ئەنھار

يوللىغۇچى : ramizan يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-03 17:48:00

جىمجىت شەھەر(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)سوزۇلۇپ ياتىدۇ جىمجىت شەھەردە،داستانلاردەك ئۇزۇن بىر كوچا.ئادەملىرى شۇنچىلىك سۇلغۇن،مۇڭسىرايدۇ تۈننىڭ قوينىدا.قاۋىمايدۇ ئىتلىرى تۈندە،ياكى نەغمە ياڭرىم...



     

    جىمجىت شەھەر

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    سوزۇلۇپ ياتىدۇ جىمجىت شەھەردە،

    داستانلاردەك ئۇزۇن بىر كوچا.

    ئادەملىرى شۇنچىلىك سۇلغۇن،

    مۇڭسىرايدۇ تۈننىڭ قوينىدا.

    قاۋىمايدۇ ئىتلىرى تۈندە،

    ياكى نەغمە ياڭرىماس كۈندە.

    ۋۇجۇدى سوۋۇغان مۇز پارچىسىدەك،

    يىغلاشنى بىلمەيدۇ ياكى كۈلۈشنى،

    ئاپتاپتا بىمەھەل چىرىگەن چۈشتەك،

    ئىزدەيدۇ يوقاتقان تاتلىق ئۆتمۈشنى.

    جىمجىت شەھەرنىڭ كوچىلىرى،

    قەيەرلەردىن قەيەرگىدۇر تۇتاشقان،

    مەۋجۈت ئەمەس شەرق،غەرىپى،

    ياكى شىمال ،جەنۇب تەرىپى،

    ئادەملىرى يولدىن ئاداشقان.

    بۇ شەھەردە ئەۋلاد-ئەۋلادقا،

    ئەستىلىكلەر ئېتىدۇ داۋام،

    ئەمدى يىغا-كۈلكىسى بىلەن،

    بۇ شەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى ،

    بۇزار يېڭى تۇغۇلغان بالام.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.