شېئىر «قىزىمنى سېغىنىش» ئاپتۇرى : ئانارگۈل

يوللىغۇچى : muyunchur يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 12:43:00

شېئىر «قىزىمنى سېغىنىش» مەزكۇر شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئانارگۈل ئۇيغۇر ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پبتتۈرگەن ، ماگىستىر ، 1981 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونى تۇزكۆل ئەتراپىدا تۇغۇلغا...

       شېئىر «قىزىمنى سېغىنىش»
    مەزكۇر شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئانارگۈل ئۇيغۇر ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پبتتۈرگەن ، ماگىستىر ، 1981 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونى تۇزكۆل ئەتراپىدا تۇغۇلغان ، ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق باش ئىدارىسىدىن چىقىدىغان خەنزۇچە <ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى >ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ، خەنزۇچە <جوڭگولۇقلار > ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى ، مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى . ئۇ ئادەتتە ئەسەرلىرىنى خەنزۇچە يازىدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ مەزكۇر شېئىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ، ئابونتلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق .

     قىزىمنى سېغىنىش قار ياغماقتا تىۋىشسىز ،
    ئاستا ، پاك سېغىنىشقا تولدى كۆك ساما .
    قارلىق يەر ئۆزرە يوللارغۇ تۈپتۈز ،
    ئاھ ، كۈتۈش چارچاتتى جىسمىمنى مانا .

     كۆرمىدىم سېنى ، ئاچمىدىڭ ئىشىك  ،
     دېرىزە چېكىپ ئۆتكەندە سابا .
    ھىلال ئاينى تۇتتۇم قۇلاققا ،
    كەلمىدى سەندىن يەنە ھېچ سادا .

    قاردىكى خىرە ئۇپۇق سىزىقى ،
    ئايلانماقتا سېغىنىشلىرىمغا .
    قىلىپ زىكىر ئىسمىڭنى بۇدەم ،
    تاپارمەن تەسەللى خەستە دىلىمغا .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق