شائىرلىق يولى(ئوسمان قاۋۇل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 21:26:43

شائىرلىق يولىئوسمان قاۋۇل شائىرلىق يولىغا كىردىم قايتىدىنتۇرقۇڭنى مۇپەسسەل سىزماقچى بولۇپ،قەددىڭنى گۈل قىلىپ تىزماقچى بولۇپ.قەلبىڭدە بېلىقتەك ئۈزمەكچى بولۇپ،شائىرلىق يولىغا كىردىم قايتىدىن.چ...

    شائىرلىق يولى
    ئوسمان قاۋۇل


    شائىرلىق يولىغا كىردىم قايتىدىن
    تۇرقۇڭنى مۇپەسسەل سىزماقچى بولۇپ،
    قەددىڭنى گۈل قىلىپ تىزماقچى بولۇپ.
    قەلبىڭدە بېلىقتەك ئۈزمەكچى بولۇپ،
    شائىرلىق يولىغا كىردىم قايتىدىن.

    چاقنىغان كۆزۈڭدىن ئۆزۈمنى كۆرۈپ،
    قۇياشتەك يۈزۈڭنىڭ تەپتىدە كۆيۈپ.
    پىراقىڭ دەستىدىن كۈندە مىڭ ئۆلۈپ،
    شائىرلىق يولىغا كىردىم قايتىدىن.

    يۈرەككە ئوت قويساڭ مېھرىڭدە سۆيۈپ،
    قارىساڭ شەپەقتەك چېھرىڭدە كۈلۈپ.
    سەرگەردان بولۇپ مەن ئارقاڭدا يۈرۈپ،
    شائىرلىق يولىغا كىردىم قايتىدىن.

    رەھىم قىل قولۇڭغا كەتمىسۇن سۇلۇپ،
    يا ئىشقىڭ يېلىدە كۈلدەك سورۇلۇپ.
    جېنىم، دەپ سەن سالغان ئوتتا قورۇلۇپ،
    شائىرلىق يولىغا كىردىم قايتىدىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوسمان قاۋۇل