ئىككى شېئىر(توختاش بەكرى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 02:01:20

ئىككى شېئىرتوختاش بەكرىچېچەكناھايىتى بەرگىنىڭ بىر تاللا چېچەك، پۇرىسام تۇيۇلىسەن ئېسىل ئەتىردەك!چېچەككە ئىسسىتقۇ قىلغانمىدىڭ سەن؟!چېچەكلا چۈشەيمەن بال ھەرىسىدەك!...ئۆزۈڭمۇ قىزىلگۈل، لەۋلىرىڭ ...

    ئىككى شېئىر
    توختاش بەكرى



    چېچەك

    ناھايىتى بەرگىنىڭ بىر تاللا چېچەك،
    پۇرىسام تۇيۇلىسەن ئېسىل ئەتىردەك!
    چېچەككە ئىسسىتقۇ قىلغانمىدىڭ سەن؟!
    چېچەكلا چۈشەيمەن بال ھەرىسىدەك!...

    ئۆزۈڭمۇ قىزىلگۈل،
    لەۋلىرىڭ چېچەك!
    بال ھەرە بولۇپلا قونغۇم كېلىدۇ!...
    ئاشۇ پاك  چېچەكتىن شىرنە سۈمۈرۈپ،
    مەڭگۈلۈك بەختىيار بولغۇم كېلىدۇ!...

    سەھەردە...

    ئەي،  قىزىلگۈل سەھەردە
    خۇش ھىدىڭنى ھىدلىدىم!
    خىسلىتىڭگە قايىلمەن،
    بىللە ھىد بوپ چېچىلدىم!...

    بۇ ھىدلاردىن ئاشىقلار،
    ھۇزۇرلانسۇن-روھلانسۇن!
    ئاشىق جانلار،  جانانلار،
    تاڭ سەھەردە ئويغانسۇن!

    ئىشنىڭ بېشى سەھەردە،
    سەھەر قانات ھاياتقا.
    سەھەرسىزدىن ئېرىشمەك
    تەستۇر ئوڭلۇق جاۋابقا...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.