2-سىنتەبىر ئۆلۈپ كەتكۈچى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-07 00:00:00

2-سىنتەبىر ئۆلۈپ كەتكۈچىئۇنى يىراقتىن تونۇيتىم،سالاملىشىپمۇ باقمىغان تېخىئۆلۈم قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئىيتمىغاندەكئۇنى قاچان ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئىيتمىغانئۇيغۇر شىپاھخانىسىدا كىسەل داۋال...

    2-سىنتەبىر ئۆلۈپ كەتكۈچى

     

     

    ئۇنى يىراقتىن تونۇيتىم،
    سالاملىشىپمۇ باقمىغان تېخى
    ئۆلۈم قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئىيتمىغاندەك
    ئۇنى قاچان ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئىيتمىغان

     

    ئۇيغۇر شىپاھخانىسىدا كىسەل داۋالايدىغان بىر ئەر
    كېتىپ قالدى ئۆلۈمنىڭ قولىنى تۇتۇپ
    خوتۇنىغا... بالىلىرىغا ... دوسلىرىغا ھىچنىمە دىمەستىن
    ئۆيىدىن يىراق بىر يەردە

     

    ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن تېنى
    مۇزلاپ كەتكەن ئىگىز بويى
    سۆزلەۋاتاتتى ئۆلۈمنىڭ قانداقلىغىنى
    ئۇنىڭ تېشىلىپ كەتكەن يۈرىگى...
    راستىنلا قاتناش ۋەقەسىدە تىشىلىپ كەتكەن بولغىيمىتى؟!
    ئەمىلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى تۆشۈك
    لىكىن بىز ياشاۋەردۇق تۆشۈك يۈرەكنى كۆتۈرۈپ
    ئىچىمىز لىق توشۇپ كەتسىمۇ دەرتكە
    ئالالمايمىز ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرۈپ
    ئۇ....
    تۆشۈك تەقدىر...تۆشۈك يۈرەكتىن زېرىككەنمىكىن
    كېتپ قالدى ياپياشلا... يولۋاس يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا
    ئۆلۈم ئېلىپ كەتتى ئۇنى
    قولىدىن يىتىلەپ... ھارۋىسىغا سېلىپ
    ئەتە ئۇ رەھمەتلىك بولىدۇ
    قۇچىغى دۇئا بىلەن تولىدۇ
    ئۇنىڭ قېرىپ قالغان ئانىسى ئوغلۇم!!!... دەپ
    چاچلىرىنى يۇلىدۇ
    ئۇنىڭ ئىسمى ئەمدى
    ياشايدۇ بالىلىرىنىڭ ئىسمىغا ئەگىشىپ
    بىز بارغۇچە ئۇنىڭ يېنىغا
    ئۆلۈمنىڭ ھارۋىسىغا چىقىپ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.