ناتايىن(مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-08 08:06:44

ناتايىنمۇھەممەدجان راشىدىنشاھلار تۇتقان قەدەھتە قۇت بولۇشى ناتايى،سەن ماختىغان چىنارغا قۇش قونمىقى ناتايىن.چۆچەك ئېيتساڭ بايقاپ ئېيت، تىڭشىغانلار قانچىلىك،سەن سۆيگەننى بىراۋنىڭ ياقتۇرمىقى ن...

     



     

    ناتايىن
    مۇھەممەدجان راشىدىن

     

    شاھلار تۇتقان قەدەھتە قۇت بولۇشى ناتايى،
    سەن ماختىغان چىنارغا قۇش قونمىقى ناتايىن.


    چۆچەك ئېيتساڭ بايقاپ ئېيت، تىڭشىغانلار قانچىلىك،
    سەن سۆيگەننى بىراۋنىڭ ياقتۇرمىقى ناتايىن.


    بۈگۈن تاتلىق ئەمگەكچىنى تەڭ ئەمگەنلەر سەن بىلەن،
    تاڭلا كەتسەڭ كەينىڭدىن ئاھ ئۇرمىقى ناتايىن.


    بايلىق دېگەن بىۋاپا، لاپ ئۇرغاننى كۆتۈرمەس،
    ئوقۇرىڭدا ھەر كۈنى ئات تۇرمىقى ناتايىن.


    تالايلارنى ئازدۇردى چۈنكى ھۆسنى دۇنيانىڭ،
    شۇڭا ھەردەم ئىنساننىڭ ساق تۇرمىىقى ناتايىن.


    بىخۇد يۈرمە دوستلىرىم، بولغاندىمۇ گەر پۇلۇڭ،
    بىراۋ كېلىپ يېنىڭنى ئاختۇرمىقى ناتايىن.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.