ئادەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 18:14:30

ئادەتدىققەت قىلمىغان شۇ ئارىلىقتازىمىستان كەلدى يېنىمغاقېلىن يوتقانلىرىمغا پۈركۈنۈپ،كەلمىدى بارغۇم خىزمەت- ئىشقاپارنى ئاچمىغان، بۇ سوغۇق چاقاركەنتوك تېجىمىدىم ئەسلى پۇل يوقپۇلى كۆپلەر ئېنىر...

     


    ئادەت

     

    دىققەت قىلمىغان شۇ ئارىلىقتا

    زىمىستان كەلدى يېنىمغا

    قېلىن يوتقانلىرىمغا پۈركۈنۈپ،

    كەلمىدى بارغۇم خىزمەت- ئىشقا

     

    پارنى ئاچمىغان، بۇ سوغۇق چاقاركەن

    توك تېجىمىدىم ئەسلى پۇل يوق

    پۇلى كۆپلەر ئېنىرگىيەنى چاچاركەن

    پۇلى يوق بىزلەر ئۆيلەرگە بېكىنەركەن

     

    كوچىلار تۇتۇق ھاۋاغا تولغان

    ئىللىقلىقتىن ئەسلا يوق ھامان

    يول بويىدىكى تىلەمچى يامان

    ئالىدىكەن پۇل ئالمايدىكەن نان

     

    مەن ئۆزۈم بىر تەنھا يالغۇز،

    بۇ شەھەردە تېنىدىم شۇنچە ئۇزۇن

    بۇرۇن كۈتكەن شۇ ئارۇ-ئارمان

    ئەمدى ئۆتتى جاپا غېمىنىڭ بۈگۈن

     

    بۇ رەڭدار-رەڭگىناز دۇنيادا،

    كام نېمەڭ پۇلۇڭ بولمىسۇن،

    ھېسسىيات، ئەقىدە پۇلغا سۇنار

    بۇ ئېسىڭدە مەھكەم تۇرسۇن

     

    ئادەملەر كۆندى ھەممە ئادەتكە،

    ئاچچىق ھايات، تاتلىق چۈشلەر

    رەھىمسىز، رېئاللىق بۇزسىمۇ گەرچە،

    ئاستا كۈتىدۇ باھارنى كۆزىمىز

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران _