ئىستىمەس (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-12 22:47:55

ئەي نىگار ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىنتىلىشنى ئىستىمەس.ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم، مەن يېنىپ چاقماقلىسام ،ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى...

    ئىستىمەس

     
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
     
     
    ئەي نىگار ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،
     
    مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىنتىلىشنى ئىستىمەس.
     
     
    ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم، مەن يېنىپ چاقماقلىسام ،
     
    ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.
     
     
    "ئۇ ئۇزۇن بۇ قىسقا" دەپ يۈرىشىدۇ بەزىلەر ،
     
    ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.
     
     
    ئېھتىيات جانى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،
     
    بىز بۇلۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.
     
     
    ھامىنىڭ ئەۋلادىدىن بىرسى قۇللۇقتا قالمىدى ،
     
    ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ھەم سېزىشنى ئىستىمەس.
     
     
     
    يەپ زەھەر بولدى كىسەل ، ئەلۋىدا! كۆپتۇر خەتەر ،
     
    مىللىتىم جان چىقسا ھەم ، داۋالىنىشنى ئىستىمەس .
     
     
    باشقىلار كۆكتە ، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قىلىپ ،
     
    بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئىشەك مىنىشنى ئىستىمەس .
     
     
    ئىزلىدى ھۇما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ ،
     
    ئىزلىگەنلەر باشىغا ھۇما قۇنۇشنى ئىستىمەس .
     
     
     
    مىللىتىم تارتقان ئازاپقا كۆڭۈل قانداق چىدىغاي ،
     
    ئەل غېرىپ ئىڭرايدۇ ئەمما، تەۋرىنىشنى ئىستىمەس.
     
     
    ئابدۇخالىق قىل سۇبات، ئىزلە سىراتەل مۇستەقىم،

    بۇ سۇبات بارىدا دىل ۋەيران كىزىشنى ئىستىمەس.
     
     
    1920-يىلى تۇرپان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.