ئۆي كۆچۈش(مۇختار داۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 04:04:32

ئۆي كۆچۈشمۇختار داۋۇتمۇھتاجلىق سېرىقتال كۈنلەر ئىچىدىن،يۈرەك بېغىشىغا تەگدى بىردەمدە.ئاتا - ئانىلارنىڭ ھامىيلىقىسىز،ياشاشنىڭ قىيىنلىقىنى سەزدى بىر بەندە.ئىلگىرىكى نامراتلىق نامراتلىق ئەمەس،ئ...

    ئۆي كۆچۈش
    مۇختار داۋۇت



    مۇھتاجلىق سېرىقتال كۈنلەر ئىچىدىن،
    يۈرەك بېغىشىغا تەگدى بىردەمدە.
    ئاتا - ئانىلارنىڭ ھامىيلىقىسىز،
    ياشاشنىڭ قىيىنلىقىنى سەزدى بىر بەندە.

    ئىلگىرىكى نامراتلىق نامراتلىق ئەمەس،
    ئۆي ئىگىلىرى ئالدىدا
    چىناردەك قامەتلەر پۈكۈلۈپ يادەك،
    گۈلدەك يۈزلەر تاتاردى تامدەك.

    غېرىپ كۆڭۈل يانچۇقۇڭنى يوقلايدۇ،
    كۆزنەكلەردىن مارىدى كۈز ئالدىرا.
    ئەتىۋامۇ يۈرەك داغلار باھالار
    تۆت جان مۇھىم، بوپتۇ، بوپتۇ، بوپتۇلا...

    داۋاملىشار ئەنە شۇنداق ئۆي كۆچۈش،
    بىرنى ئالساڭ يەنە بىرسى قالىدۇ.
    ئالماي بولماس ھەممىسىنى بىرمۇبىر،
    بىرسى قالسا يەنە ئەشۇ نامراتلىق
    رەھىم قىلماي ياقاڭدىنلا ئالىدۇ.

    تۇرمۇش سىرلىق ئەركىلەيدۇ ناز بىلەن،
    سىغىپ كېتەر تار ئۆيگە كەڭ قامىتىڭ.
    تەرلىرىڭدىن كۆكلەتمىسەڭ بىر زېمىن،
    ئۆي كۆچەرسەن يەنە كەلسە ئامىتىڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.