كوچا ئىشىكىدە تۇرغان ئادەم(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-27 09:48:42

كوچا ئىشىكىدە تۇرغان ئادەمئادىل تۇنىيازكېچە ئاخىرلاشقانداباشلىنىدۇ خەنجەربىسىتېرەكلەردە، روجەك كەينىدەقول سائىتىمنىڭ ئەينىكىدە،ئارقا كوچىدا، ئالدى كوچىدا«ئودسسا»دا، گۈللەر بەرگىدە...چىق...

    كوچا ئىشىكىدە تۇرغان ئادەم
    ئادىل تۇنىياز


     
    كېچە ئاخىرلاشقاندا
    باشلىنىدۇ خەنجەربىسى
    تېرەكلەردە، روجەك كەينىدە
    قول سائىتىمنىڭ ئەينىكىدە،
    ئارقا كوچىدا، ئالدى كوچىدا
    «ئودسسا»دا، گۈللەر بەرگىدە...

     
    چىقتىم كوچا ئىشىكىدىن،
    يېرىم ئېچىلغان يۆگىمەچ گۈلى
    تامغا يامىشىپ چىققاندەك ھال رەڭ
    باغقا شورىدىن ياز كەلگەن كۈنى.
     

    كوچا ئىشىكىدە تۇرغان ئادەم
    مەن سودىگەر قۇلۇم ئۆزەمنىڭ،
    كۆزۈم، پۇتۇم، يۇلۇم ئۆزەمنىڭ.
    پۇلۇم خوجايىن مەن قارا قۇلى،
    دېگەن چاغدا پۇلۇم ئۆزەمنىڭ.
     

    ئۇسسىغان سۇ ئىچەر ئۆزىنى
    ئۆزى قوپىدۇ قۇملۇقلاردا قۇم،
    ئۆزى قوپۇرار گۈمبىزىنى
    ئۆلگەن قۇملار يىغلىشىپ يۇم-يۇم.
     

    پىل چىشى مۇنارى ئاستىدا تۇرسام
    سۇيۇق ھەيكەل چاقىردى مېنى،
    ئىتتەردىم قوللارنى ماڭا يېپىشقان
    چىڭ تۇتتۇم ۋېناسنىڭ يوق قۇلىنى.
     

    تەرمەكتىمەن پۇرسەت مەن ئۈچۈن
    تۆشۈك يانچۇقتىن چۈشكەن جىق تەڭگە،
    بەزى كىرگەن ھەسەل رەڭگە
    دوملاپ بېرىپ پېتىپ ئەۋرەزگە.
     

    كىيدىم ئالقاپنىڭ چاپىنىنى،
    كەزدىم بازارنى خىلمۇ-خىل مېلىم.
    كەلدىم باجسىز دەرەخ ئاستىغا،
    دەردىم چىقىپ يورۇدى دىلىم.
     
    خورما يېغىنى سېتىپ بولدۇم،
    بۇلالمىدىم يىغامنى تېتىپ،
    كوچىدا يامغۇردەك غېرىپ بولدۇم،
    چىڭىدى تارلىرىم، يۈرىكىم قېتىپ.
    قىزلار يامغۇردا قالغان ئۈزۈمتال،
    ھۆل يۇپۇرمىقى قول ئۇزىتار.
    قولى قىسقا مەجنۇنتال سىڭلىم
    مەن كۈنلۈك ئەمەس، مەنمۇ ئۈزۈك تار.
     

    شېئىر توپلىمىمنى بولدۇم سېتىپ
    بىر نەچچە بازارلىق كىتاب بىلەن
    سۇمۇرۇغ تۇخۇملىرىغا قېتىپ.
    بىر مىسىرا يېتەر مېنى سېتىشقا
    بىر تاغار سامان يا بىر تال خام خىشقا!...
     

    كەيدىم سېھرىگەرنىڭ قالپىقىنى
    ئاستىدا ئۆزۈم يوق ئېرىگەن تۇزدەك،
    پۇل دېڭىزىدىن ئىزلىسەڭ مېنى
    تاشتىن قاتتىق مەن، سوغۇق ھەم مۇزدەك.
     

    قۇياش ھەر كۈنى سۆزلەر ئاسماندا
    ئۈنى ئۆلۈكنىڭ ئۈنى ئەمەس،
    نۇرى ئالتۇن چاقنار ھەر ياندا
    ئۇ سودىگەرنىڭ ئالتۇنى ئەمەس.
     

    مەن كونا ئاشىق، يېڭى ئوقەتچى
    باي قەلەندەرمەن، دەرۋىش، پۇلپەرەس.
    باي قىلماقتا يوق نەرسە مېنى
    قەلبىمدە پەۋەس مەڭگۈلۈك ھەۋەس.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.