چۈنكى مەن-ئادەم(تاھىر تالىپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 07:36:19

چۈنكى مەن-ئادەمتاھىر تالىپبىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا، پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى، «خىزىر» بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم، تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى. شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ...

    چۈنكى مەن-ئادەم
    تاھىر تالىپ



    بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا،
    پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى،
    «خىزىر» بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم،
    تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى.
    شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
    چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم

    .تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل - چىمەننى،
    ئۆرۈلەر بىشىغا سەۋر قاچام.
    قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا،
    چىمەنگە قانات يىيىپ مەن ھەر قاچان.
    چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
    گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم

    . دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن،
    دىلىدىن دىلىمغا نۇر - يورۇق ئېلىپ.
    جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا،
    سانجىيمەن قوۋۇرغامنى پىچاق قىلىپ.
    چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
    مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم

    .رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس،
    ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن.
    چېقىلسا قىلچە ئىززەت - ھۆرمىتىمگە
    ھەتتا ئەۋلىياغا يانالايمەن.
    چۈنكى مەن - ھېسسياتلىق ھايات ئادەم،
    غورۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم

    . بىھۇدە بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ
    ۋە ياكى مۇتتىھەملەر پالۋان بولسا ؛
    كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن،
    ئازغان ئۈچۈن
    ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا،
    چۈنكى مەن - ھېسساياتلىق ھايات ئادەم.
    ھوقوقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

    ئېتىقاد،  ئەقىدەم بار ئۆزۈمگە خاس،
    خەلقىمنىڭ رايىنى كۈچ - قانات قىلغان.
    ئەقەللىي،  كۆزۈمدىن ئوت - ئۇچقۇن يانار،
    تەتۈرلۈك ئىرادەمگە بولسا سۇلتان.
    چۈنكى مەن - ھېسسياتلىق ھايات ئادەم،
    ئەقىدىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

     كومونىست - ئىنسانىيەت چاكىرىمەن،
    لېكىن،  ھىچ بىرەر زاتنىڭ قۇلى ئەمەس.
    ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا،
    جەڭچىمەن،  بىرەر كىمنىڭ قولى ئەمەس.
    چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
    خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

     غەزەلخان خەلقىم ئۈچۈن يازدىم قوشاق،
    ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقىم - ئانام.
    غەزەلسىز ياشىمايدۇ بولبۇل دېگەن،
    يۇرتۇمدا ھەربىر غەزەل بىر ئىمتىھان.
    غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
    چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.