شېئىرلار(غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 05:46:12

شېئىرلارغوجىمۇھەممەد مۇھەممەدئون بەش ياشلىق ئاياللارياڭرار چۈش ئوردىسىدا نەغمە — ناۋاسۇدا سۈزۈك ، ئوتتا خۇشال ، قۇمدا سەرسانئون بەش ياشلىق ئاياللار .تېنىنى تېپىپ كېلەر تۇپراقلاردىنكۆزىنى سۈ...

    شېئىرلار
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد



    ئون بەش ياشلىق ئاياللار

    ياڭرار چۈش ئوردىسىدا نەغمە — ناۋا
    سۇدا سۈزۈك ، ئوتتا خۇشال ، قۇمدا سەرسان
    ئون بەش ياشلىق ئاياللار .
    تېنىنى تېپىپ كېلەر تۇپراقلاردىن
    كۆزىنى سۈزۈپ ئالار بۇلاقلاردىن
    چېچىنى ئالار ئۆرۈپ زۇلمەتلەردىن
    يامغۇر ۋە شامال بېرەر لاتاپەتنى
    ئاي ھەمدە يۇلتۇز بېرەر سائادەتنى ،
    ئىپپەتنىڭ قاپقاراڭغۇ تۈنلىرىدە
    ئۈچ بۇرجەك تۈڭلۈكىدىن ۋۇجۇدىنىڭ
    باقار ئاسماندىنمۇ يىراقلارغا
    تەلپۈنۈپ دەھشەتلىك بالا-قازاغا.. .

    تالادا ئۆلۈم بىلەن ئالغان نەپەس
    قان تۆكۈپ ئوينايدىغان قارا ھەۋەس
    ئەينەكنى چاقار شامال ، ئەينەك خۇشال ،
    ئايالنى خىيال بۇزار ، تۈكلۈك خىيال .
    جىمىرلاپ ئاقار دەريا يوتىسىدا ،
    تىرىلەر تاشلار يىغلاپ بارمىقىدا .
    ئاچقان تەن ئىشىكىنى چەكسىزلىككە
    جان كىرىپ ، چىقىپ تۇرار خۇشال-خۇرام .
    ئولتۇرۇپ كىرپىكنىڭ دالدىسىدا
    قارار ئۇ رومىلىنى يىرتىپ-يىرتىپ
    يىرتىلىش ئاھ ، نەقەدەر خۇشال-خۇرام!.. .

    ئۆتتى ئات چاپتۇرۇپ قىرىق چەۋەنداز
    لىپ قىلىپ بىر قېتىم كىرپىك قاققۇچە .
    ئۆتتى بىر زامان ، بولۇپ زور قىرغىن
    كۆزىنى بىر قېتىم يۇمۇپ — ئاچقۇچە .
    رېئاللىق قېرىپ كەتتى بىر دەمدىلا
    قۇياشنى سۆرەپ يۈرەر ساقاللىرى .
    رىۋايەت قېرىمايدۇ مىڭ يىلدىمۇ
    قېرىماس ئون بەش ياشلىق ئاياللىرى .

    خوراز چىللايدۇ

    خوراز چىللايدۇ ، چىللايدۇ
    ئالدىدا نۇر توشقۇزۇلغان سۈبھى پىيالىسى .
    شاھانە شاخلارنى مېكىيانغا بەرمەيدۇ
    بېشىدا قىپقىزىل يالقۇن تاجىسى .

    ھايات رىۋايەتتە قېرىمايدۇ
    مۇھەببەت پۇچۇق ئەينەك ئالدىدا چېچىنى تارايدۇ .
    ھاياجان مەڭگۈ يالىڭاچ ،
    ئەقىل ئۆمرىدە بىر رەت ئىشتىنىنى سالمايدۇ .
    ھەر قەدەمدە ئاخىرەت .
    ھەر ۋۇجۇد بىر خاقانە .
    ھەر نەپەستە بىر جۇدا ،
    ھەر كۆڭۈل بىر دىۋانە.. .
    تەن زۇلمىتىدىن دىل زۇلمىتىگە
    خوراز چىللايدۇ ، چىللايدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.