چىرايلىق يىغلاش(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:13:58

چىرايلىق يىغلاشئادىل تۇنىيازۋاقىت دۇنيا،قاناتلىق بىر قىزئۇچۇپ كەتتى قاۋاقخانىغا.سۇنۇق كاسام سۇنغان سەنمۇ،مەن؟شاراپ قېنى،مەن ئىچتىممۇ ،سەن؟ئاخشام باھار بولغان ئەمەسمۇ،كۈتكۈچى قىز چېچەكلىمەمس...

    چىرايلىق يىغلاش
    ئادىل تۇنىياز



    ۋاقىت دۇنيا،قاناتلىق بىر قىز
    ئۇچۇپ كەتتى قاۋاقخانىغا.

    سۇنۇق كاسام سۇنغان سەنمۇ،مەن؟
    شاراپ قېنى،مەن ئىچتىممۇ ،سەن؟
    ئاخشام باھار بولغان ئەمەسمۇ،
    كۈتكۈچى قىز چېچەكلىمەمسەن؟!
    ناخشا ماراپ تۇرغان ئاغزىمدىن
    چۈشۈپ قالدى يانتو بىر ھەرىپ.
    مايماق دەسسەپ كەتتى ئورمانغا،
    چىغىر يوللار بوپ قاپتۇ كەيپ.
    نېمە بولدى كۆلەڭگەم ساڭا،
    تۇرىسەنغۇ ھىجىيىپ ماڭا؟

    خۇمارلىشىپ قاپتۇ يۇلتۇزلار،
    كېچە ئۇخلار مەستخۇش مۇلايىم.
    سەن ئېسىمگە كېلىسەن نىچۈن،
    ئۇنتۇپ كەتمەك بولسام ھەر دائىم،
    مەن زادىلا يىغلاپ باقمىغان،
    ئېھ،قانداقراق چىقار ئاۋازىم؟

    ئاي شولىسى كەلمەكتە ئاستا...
    ساق ۋاقتىمدا بارالمىغاچقا،
    مەن ئالدىڭغا كەلدىم مەست بولۇپ.
    كەچۈر مېنى قەدىردان ئەسكى،
    تۇرالمىدىم ئالدىڭدا دەسسەپ،
    دەرەخلەردەك قالدىم لەپپەڭلەپ.

    ئاي شولىسى كەلمەكتە ئاستا...
    ساڭا سوغا ئېپ كېلەلمىدىم،
    ئېھ،بۇ نامرات كۆڭلۈمدىن باشقا.
    بەختىممۇ يوق ساڭا بەرگىدەك،
    ئېپ كەلگىنىم بىر دەستە سۈكۈت.
    تىلىمەيمەن سەندىن بەختىمنى،
    دىيەلمەيمەن بىر مىنۇتلا كۈت.

    تېمىپ چۈشتى يۇلتۇزنىڭ يېشى،
    بۇ ئاخىرقى كېلىشىم مېنىڭ،
    كەچۈر مېنى سۈيۈملۈك قىزچاق
    ئېپ كەلگۈدەك نەرسەم بولمىغاچ
    سوغات قىلدىم ساڭا شاپىلاق.

    سەن قايەردە ئەي پۇچۇق كاسام،
    يۈر كېتەيلى قاۋاقخانىغا.
    ئىككىمىزمۇ سىردىشالمايمىز،
    مەستلىكىدىن يېشىلسە دۇنيا.
    يۈر كېتەيلى قاۋاقخانىغا.

    1991-يىل5-ئاي

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.