تنېچقىنە يەردە

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-19 14:00:22

تنېچقىنە يەردەتنېچقىنە يەردەبولسا كىچىككىنە ياغاچ ئۆيۈم.ياشىسام غەۋغاسىزشىلدىرلاپ ئىقىپ تۇرسا سۇيۇم.كەلسە باھاردېرىزەمنى ئۇلۇغ ئىچىپئاڭلار ئىدىم شاۋقۇنلىرىنى.سېزەرئىدىم بۇ گۈزەل قىزنىڭكۆڭۈلل...

    تنېچقىنە يەردە

     

     

    تنېچقىنە يەردە

    بولسا كىچىككىنە ياغاچ ئۆيۈم.

    ياشىسام غەۋغاسىز

    شىلدىرلاپ ئىقىپ تۇرسا سۇيۇم.

     

    كەلسە باھار

    دېرىزەمنى ئۇلۇغ ئىچىپ

    ئاڭلار ئىدىم شاۋقۇنلىرىنى.

    سېزەرئىدىم بۇ گۈزەل قىزنىڭ

    كۆڭۈللەرنى قانداق ئوۋلايدىغىننى.

     

                           تنېچقىنە يەردە                            

    بولسا قۇتىدەك ئۆيۈم ،

    سەھەر شاماللىرىغا ئەگىشىپ

    پەرۋاز قىلارئىدى كۆڭۈل قۇشۇم.

     

    ئاشۇ كىچىكىنە ياغاچ ئۆيۇمدە

    ياشارئىدىم تەبىئەتنىڭ چىن ئوغلى بولۇپ،

    مەيلى ياشاي قەسىردە يا بىر ياغاچ ئۆيدە

    ئاقىبەت قالىمەن تۇپراقنىڭ بىر تال قۇمى بولۇپ!

    2010.10.17

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.