مەرسىيە-قولۇمدىكى قەلەمنى شاختەك چانىدىم(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-09 12:28:20

قولۇمدىكى قەلەمنى شاختەك چانىدىمچىمەنگۈل ئاۋۇت(مۆھتىرەم مۇزىكا پىشىۋاسى تۇرسۇن قادىر ئاكامغا قايغۇ بىلەن بېغىشلايمەن)تەبىئەت غازاڭلىرىنى تۆكتى سەن ئۈچۈن،سەن مۇڭلىرىڭنى تۆككەن ئەل ئۈچۈن.قەشق...




    قولۇمدىكى قەلەمنى شاختەك چانىدىم
    چىمەنگۈل ئاۋۇت
     
     
     
    (مۆھتىرەم مۇزىكا پىشىۋاسى تۇرسۇن قادىر
    ئاكامغا قايغۇ بىلەن بېغىشلايمەن)
     
     تەبىئەت غازاڭلىرىنى تۆكتى سەن ئۈچۈن،
    سەن مۇڭلىرىڭنى تۆككەن ئەل ئۈچۈن.
    قەشقەردە قار ياغمىغان قىشنىڭ كۈنىدە،
    قار بولۇپ يېيىلدىڭ ئانا يەر ئۈچۈن.
     
     
     
    باغرىڭنى كىم يەردەك تىڭشىيالايدۇ،
    كۆزۈڭنىڭ قارىسىنى ئىزدىدى تۈنلەر.
    ئاسمانغا ئاي چىقمىدى بۈگۈن ئاخشاممۇ.
    يۇلتۇز بولدى،مەھمۇت ۋەتىنىنى توۋلىغان كۈنلەر!
     
     
     
    مۇڭداشقان چاغلىرىمنى يادىمغا ئالدىم ،
    ئىزىلگەن،ئۇزۈلگەن دىلىڭ بار ئىدى .
    سىزەتتىڭ ئۆزۈڭنى شۇنچىلىك يالغۇز،
    كۈيلىرىڭ باللىرىڭدەك ساڭا يار ئىدى.
     
     
     
    ئاھ،نېچۈن ئۈن سېلىپ يىغلىيالمايمەن،
    ئەتراپقا سەندەكلا جىمجىت قارىدىم .
    روھىڭغا دۇئا بەرمىگەنلەر قارا يۈز بولسۇن،
    قولۇمدىكى قەلەمنى شاختەك چانىدىم !
     
     
    2011-يىلى 1-ئاينىڭ7-كۈنى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.