ئايال بىز

يوللىغۇچى : ramizan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-12 15:32:40

ئايال بىز(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)ئايال بىز،ھاياتنىڭ تۈۋرىكى،بەرناسى بىز،«ئەرنىمۇ ئادەم قىلغان»ھاياتلىق بەرپاسى بىز.تۈن كۆركى تولۇنئاينىڭ،چاچقان نۇر-زىياسى بىز،كۆڭلى ھالال جۈپتىمىزنىڭ...



     

    ئايال بىز

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    ئايال بىز،ھاياتنىڭ تۈۋرىكى،بەرناسى بىز،

    «ئەرنىمۇ ئادەم قىلغان»ھاياتلىق بەرپاسى بىز.

     

    تۈن كۆركى تولۇنئاينىڭ،چاچقان نۇر-زىياسى بىز،

    كۆڭلى ھالال جۈپتىمىزنىڭ،قىسقان گۈل-زىباسى بىز.

     

    بىز بولغاچ ھايات گۈزەل، ھەر ئىزدىن گۈللەر ئۈنەر،

    سۇلىرى كەۋسەر مىسالى، گۈل تارىم دەرياسى بىز.

     

    كىم كۆرسە تەسكىن تاپۇر، خەستە كۆڭۈل گۈلشىنى،

    شۇڭلاشقا غەمناك كۆڭۈلنىڭ بىردىنبىر داۋاسى بىز.

     

    نۇر سۆيگەن چاھارباغنىڭ،گۈل سۈپەت رەنا قىزى،

    ھەر گۈلنىڭ غەزەلخانى، بۇلبۇللار ناۋاسى بىز.

     

    گەر بىراۋ تۇتسا قولىدا رەزىل غەزەپ تىغىنى،

    دېڭىزدەك شاۋقۇنلىغان  يۈرەكنىڭ غەۋغاسى بىز.

     

    يۈرەكتە ھەر ئىش ئۈچۈن، سۆيگۈ –نەپرىتىمىز تۇيغۇن،

    كۈلگەنگە چېھىر ئاپتاپ، مىڭ قۇياش تەققاسى بىز.

     

    ئىرادەت قىلساق ئەگەر تاغنى تالقان ئەيلەشكە،

    شىجائەت بابىدا چەكسىز، كۈچ –قۇدرەت يەكتاسى بىز.

     

    ئۆمۈر مەنزىلى يىراقلىق، نادانغا كۆپ مالامەتتۇر،

    بىلىم ئۈچۈن جان تەسەددۇق، ئىلىم-پەن شەيداسى بىز.

     

    قانائەت تاپماس كۆڭۈل، ئۆگەنسەك كېچە-كۈندۈز،

    ئول يۈرەك قانماس ئىلىمگە، مەرىپەت تەشناسى بىز.

     

    «تۇرغۇ»مىز دۇنيا ئەمەس، ھەر كۆڭۈل بوستانىدۇر،

    دىللار ئارا تاپقان ئىززەت، خوتەننىڭ ئەتلاسى بىز.

     

    بەختىمىز كۈلەر يېقىندىن ، شۇنچە لەزىز ۋىلىقلاپ،

    شۇ گۈزەل ئارزۇ-نىيازنىڭ دۇر-گۆھەر جۇلاسى بىز.

     

    جەننەتۇل رىزۋان ئارا، تۈمەن گۈل ئاچسا چېچەك،

    شۇ باغۇ كەرەمىنىڭ خۇشپۇراق رەيھانى بىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئايال رەيھان ئەنھار