كەلدى بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆلۈم(كەتمەنباي)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-10 20:24:00

كەلدى بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆلۈم ساداقەتجان ھاجى بىر دەقىقە يۇمدۇم كۆزۈمنى خىيالىمدىن ئىزدەپ ئۆزۈمنى شۇ قەدەر قىزغىن مۇھەببەت بىلەن ھاياتنى سۆيگەندەك سۆيدۈم ئۆلۈمنى ئۆلۈمنىڭ باغرىغا سانجىلغان...

    كەلدى بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆلۈم
       ساداقەتجان ھاجى

       بىر دەقىقە يۇمدۇم كۆزۈمنى
    خىيالىمدىن ئىزدەپ ئۆزۈمنى
    شۇ قەدەر قىزغىن مۇھەببەت بىلەن
    ھاياتنى سۆيگەندەك سۆيدۈم ئۆلۈمنى

     ئۆلۈمنىڭ باغرىغا سانجىلغان تىكەن
    غۇنچىلىدى قات - قات
    قىزىل گۈلدەك قانلارغا پۈركەندى ئاخىر
    بىر دەقىقە ئىچىدە ھايات

     - قېنى سەن كەتمەنباي؟
    - دىدى بىر سادا
    - مانا مەن !
    ئۆلۈمنىڭ ۋەسلىگە قانمىدىم دادا؟


     كىتاپنى ياپتىم
    ئۆزۈمنى ئىزدەپ ئۆلۈمنى تاپتىم
    ئۆلۈم
    ھاياتتىنمۇ قىممەتلىك ھايات
    قەلەم
    قەسىدەڭنى توختاتقىن توختات

     سۈكۈت قىل!
    سۈكۈت قىل؟
    سۈكۈت قىل ئەمدى تىۋىشلارغا قۇلاق سال !
    كەلدى بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆلۈم

    [2008 - يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى. قەشقەر]

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 17:39:10]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.