پىراق

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 21:56:54

پىراقئاي كېچىدە دېرىزەمنى تىرىقلاتقانداسەن كېلىسەن يادىمغادۇتارىمنى يىغلىتىپ زار - زارناخشا ئېيتىمەن رامنىڭ ئالدىدا.تاغدىكى ئاھۇ سەن،دەريادىكى سۈزۈك تاش.چۆلدىكى ياھۇ سەن،مەڭزىمدىكى تامچە ياش...

    پىراق


    ئاي كېچىدە دېرىزەمنى تىرىقلاتقاندا
    سەن كېلىسەن يادىمغا
    دۇتارىمنى يىغلىتىپ زار - زار
    ناخشا ئېيتىمەن رامنىڭ ئالدىدا.

    تاغدىكى ئاھۇ سەن،
    دەريادىكى سۈزۈك تاش.
    چۆلدىكى ياھۇ سەن،
    مەڭزىمدىكى تامچە ياش!...
    مۇھەببەت  تەڭرىنىڭ خەۋىرى،
    سېغىنىش  ئىبادەت،
    ئۇلۇغ ھايۋان
    تەندىكى كامالەت.

    سەن نەدە؟
    تەلمۈرىمەن سۆيۈپ تۇرۇپ ئاھ،
    سېغىنىمەن باغرىمغا بېسىپ.
    ۋارقىرايمەن سەن قەيەردە دەپ
    تۇتۇپ تۇرۇپ قولۇڭنى...

    سەن نەدە؟
    قەلبىمدىكى ۋەتەندىمۇ سەن،
    شېئىردىكى ئۆي - ماكانىمدا؟!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پىراق