يۈرەك قېرىماس(مۇھەممەد روزى)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 14:51:03

يۈرەك قېرىماس مۇھەممەد روزى بوۋاي بىلەن موماي سەھەردە،ئەمگەك قىلدى بېغىغا چىقىپ.چاقچاق قىلدى بوۋاي تۇيۇقسىز،مومىيىغا كۈلۈپ تاش ئېتىپ. دېدى موماي ئاچچىقلاپ شۇ چاغ،«قېرىغاننى بىلمىگەن قېرى،ئالجى...

    يۈرەك قېرىماس


    مۇھەممەد روزى

    بوۋاي بىلەن موماي سەھەردە،
    ئەمگەك قىلدى بېغىغا چىقىپ.
    چاقچاق قىلدى بوۋاي تۇيۇقسىز،
    مومىيىغا كۈلۈپ تاش ئېتىپ.

    دېدى موماي ئاچچىقلاپ شۇ چاغ،
    «قېرىغاننى بىلمىگەن قېرى،
    ئالجىدىڭمۇ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟
    كەت يېنىمدىن كەتكىنە نېرى».

    دېدى بوۋاي مومايغا قاراپ،
    كۆرۈندىڭ گاھ كۆزۈمگە ئايدەك.
    قېرىسىمۇ جىسمىم، جامالىم،
    قېرىمىدى بۇ ئوتلۇق يۈرەك.


    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتتىن ئېلىنغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇھەممەد روزى