ئۇستاز يۈرىكى (مۇختار مۇھەممەتئىمىن  نەزەرباي)

يوللىغۇچى : nazarbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-10 19:37:00

ئۇستاز يۈرىكى ئۇستازدېگەن ئادەم ئارا ئاددىي ئادەمزات ،قىرانلارغا كەڭ ئېچىلغان ئۇنىڭ قۇچىقى .قەلبى ئۇنىڭ شۇنداق تازا ، كىر ، داغدىن ئازات ،تاما قىلماس مەنسەپ ، شۆھرەت يا تاختا پەرى . مۇنبەر ئا...

    ئۇستاز يۈرىكى

     ئۇستازدېگەن ئادەم ئارا ئاددىي ئادەمزات ،
    قىرانلارغا كەڭ ئېچىلغان ئۇنىڭ قۇچىقى .
    قەلبى ئۇنىڭ شۇنداق تازا ، كىر ، داغدىن ئازات ،
    تاما قىلماس مەنسەپ ، شۆھرەت يا تاختا پەرى .
     مۇنبەر ئارا تۇرۇپ مەڭگۈ قاقشىماستىن شات ،
    يورۇتماقلىق تۈندەك دىلنى ئۇنىڭ ئارمىنى .
    ھەر كىشىنىڭ تۇتقان يولى باشقىلارغا يات ،
    ئۇنىڭ ھېكمەت باغچىسىدا ئېچىلار گۈلى .
     ئۇستاز ئەجرى بىرلە ئۆرە كۇللى كائىنات ،
    ئۇستاز بولماي يېشىلمەيدۇ تىلسىمات سىرى .
    ئۇستازدىن نۇر ئالمىغانمۇ بارچە مەۋجۇدات ؟
    پەقەت ئەۋلاد ئۈچۈن سوقار ئۇستاز يۈرىكى !
    شاگىرتىنى ئۆرلەتسىلا كۆكلەرگە ، ھەق راست ،
    شۇنىڭدىلا قەھ – قەھ ئۇرۇپ كۈلەر تىلىكى !

     2008. 04 . 09 ( 03 )

     باي مۇختار مۇھەممەتئىمىن ( نەزەر )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:24:07]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.