تاھىر تالىپ شىئىرلىرى(1)

يوللىغۇچى : ilhamtahir يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-18 04:23:00

خەير ، ياشلىقىم كۆڭۈل دېسەم : بالىمەن _ ياشمەن ، شوخلۇقۇم بار ، تەنتەكلىكىم بار . ( تەنتەكلىققۇ ياشتىن ئەمەسكەن ) ، ياشلار بىلەن ئۈلپەتلىكىم بار . خىياللىرىم گاھ قىلار ھەيران ، ئارزۇلىرىم ئۇندى...

    خەير ، ياشلىقىم

     كۆڭۈل دېسەم : بالىمەن _ ياشمەن ،
    شوخلۇقۇم بار ، تەنتەكلىكىم بار .
    ( تەنتەكلىققۇ ياشتىن ئەمەسكەن ) ،
    ياشلار بىلەن ئۈلپەتلىكىم بار .

     خىياللىرىم گاھ قىلار ھەيران ،
    ئارزۇلىرىم ئۇندىن زىيادە .
    قۇچسام دەيمەن بار گۈزەللىكنى ،
    شا مەشرەپتەك يۈرۈپ پىيادە .

    شامالدىنغۇ قىلىمەن ھەسەت ،
    كىپىنەكمۇ گويا كۈشەندەم .
    باغدا بۇلبۇل سايرىسا ھەتتا ،
    كۈنچىلىكتىن يوقىلار كۈلكەم .

     ئەلدىن بۇرۇن تۇرىمەن تاڭدا ،
    تۇنجى نۇرنى قىزغانغان كەبى .
    ھەم ئەڭ كېيىن قايتىمەن كەچتە ،
    ( « ئاخىرقى نۇر كەتتى ! » دەپ ، دەرتتە ، )
    نىچۈندۇر مەن شۇنچىلا « سەبىي »!

    ئۆيگە كىرسەم ، ئۆي _ بازار ، ئەپسۇس ،
    پاراڭلاردا باشقىچە بىر« تەم »
    كاستۇم كىيگەن كەنجى ئوغلۇمنىڭ ،
    ئىڭىكىگە كەلدىم تەڭلەشسەم .

    يىگىتلىكنى ئېلىپ بوپتۇ ئۇ ،
    ئېلىپ بوپتۇ ئەڭ چوڭ« مىراس» نى .
     « ئەمدى مانا ساياق بوپتىمەن ! »
    قىلدىم دەرھال شۇنداق قىياسنى .

     « مەيدىمىزدە چۆگۈن قاينايدۇ » ،
    دەپ يۈرەتتىم تېخى يىقىندا .
    ئەمدى باقسام : ھەسەت قايناپتۇ ،
    يالقۇن ئۆچۈپ چەكسىز ئېقىندا .

     بىناۋامەن ، بىداۋادۇرمەن ،
    « خەير ياشلىق ! » ئۇزاتتىم دەرتتە .
    چىقىرارمەن قوقاستىن چوغنى ،
    زېمىن مۇزغا ئايلانغان پەيتتە .

     1988 _ يىل ئىيۇن ، قەشقەر

    ----------------------------------

     شېئىرلىرىم _ قەبرىلىرىم

     پۈچەك غەزەل توۋلاپ ماڭدىم گۈلۈستاندىن گۆرىستانغا ،
    نۇمۇس _ ئۆلۈم ، پۇشمان _ ئۆلۈم ، شېئىرلىرىم _ قەبرىلىرىم .
    دېمەك ، قەبرەم كۆپ مېنىڭكى لەنەت تېشى ئورنۇتىلغان
    ، تۈزلىۋەتمەك بولسا ئەگەر ئاسان تاپار نەۋرىلىرىم .

     1988 _ يىل ئىيۇن ، قەشقەر

    -------------------

     چىشلەشمەيلى قوينى كەڭرى باھار تۇققان ئالەمنىڭ ،
     ھەممەيلەنگە پاتقۇدەك يەر يېتىدۇ .
    ئەجەپ ئىكەن خۇي- مىجەزى ئادەمنىڭ ،
    شۇنچە يەرگە سىغىشالماي كېتىدۇ .

    بەزىمىز بار بىكار تۇرماي چىش بىلەپ ،
    باشقىلارنى چىشلىمەكچى بولىمىز .
    ئۆز ئىشىمىز گوياكى ئاز كەلگەندەك ،
    خەق ئورنىدا ئىشلىمەكچى بولىمىز .

     بەزىمىز بار ھالىمىزغا پايلىماي ،
    تاغلارنىمۇ ھاپ ئەتمەكچى بولىمىز .
    بەزىمىز بار شېرىن جاننى ئويلىماي ،
    ھەتتا چوغنى كاپ ئەتمەكچى بولىمىز .

    ياشاپ بوپمۇ ياشىغۇلۇق كۈنلەرنى ،
    ياپرىغىمىز سۇلغىنىنى بىلمەيمىز .
    ئۇنتۇلۇشقا ھەتتا بەزى مەھشەرنى ،
    پىغانىمىز تولغىنىنى بىلمەيمىز .

    بۇ ئالەمنىڭ مېھمىنى بىز ئەسلىدە ،
    مەڭگۈ تۇرساق بولالمايتتۇق ئەتىۋار .
    كۆكلەپ تۇردۇق ھەر بىر باھار پەسلىدە ،
    كونا چېچەك قايتاچىققان نەدە بار .

     قېنى ئەمدى مېھمانلىقنىڭ ھۆرمىتى !
    پۇت قويۇشماق بولىشىمىز ئاماللاپ .
    بەزىلەرنىڭ ئۇزۇن تىرناق قوللىرى ،
    يۈرمەمدۇ _ ھە ، ياىلارنى قاماللاپ .

    ئۆگەتمەيلى چىشىمىزنى چىشلەشكە ،
    گۆرىدىمۇ كېپەن چىشلەپ ياتمىسۇن .
    چۈشۈرەيلى ياقىلاردىن قوللارنى ،
    ئىنسان قولى ئىنسانغا مۇشت ئاتمىسۇن .

    زورلاپ جاپا سېلىشمايلى ئۆز ئارا ،
    تەبىئەتنىڭ جاپاسىمۇ يېتىدۇ .
    ئادەم كۆڭلى ئادەمدىن سۇ ئىچمىسە ،
    ئۆلگەندىمۇ كۆزى ئوچۇق كېتىدۇ .

     چىشلىگەكلەر يات بوپ كېتەر ئادەمگە ،
    چىشلىگەكتىن قاچار ئىنسان يىراققا .
    چىشلىگەكنىڭ ئوغلى بويتاق ، قىزى تۇل ،
    ھازىسىمۇ تولماس ھەسرەت _ پىراققا .

     چىشلەشمەيلى ، چىشلىمەيلى ھىچكىمنى ،
    باقى ئەمەس ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەم .
    ئۇنتىمايلى بۇ ئالەمگە بىز مېھمان ،
    ھەم مېھماندۇر بىر _ بىرىگە ھەر ئادەم .

    مۇبارەكنامە

     ھەق خەتنە تويلارغا تەبرىك _ تەشەككۇر ،
    پايانداز بوپ قالسۇن دەستە _ دەستە گۈل .
    ھالبۇكى ، بۇ خەتنە تەكرار بولمىغاي ،
    خۇدا بۇ تىلەكنى قىلغايدۇر قوبۇل .

    پەيدا بوپ قالغاچقا كۆپ خىل خەتنىلەر ،
    بەزىلەر بۇ تويغا تەشنا ھەر قاچان .
    « بۇرۇت خەتنىسى » يۇ ، « ساقال خەتنىسى » ،
    يوپكا ، چاچ ، باش ياغلىق خەتنىسى ھامان .

     ھەتتاكى ، كىيىملەر تۈگۈل تىلنىڭمۇ ،
    بار ئىمىش ، خەتنىلىك ئاتالغان قىسمى .
    يېڭىچە ئابداللار كەسسە ئۇلارنى ،
    « توي » بولۇر ، خەتنە توي بۇنىڭمۇ ئىسمى .

     خەتنىلەر ئوخشىماس ، خەتنىلەر ھەر خىل ،
    لازىمى _ سۈننىتى خەتنىدۇر پەقەت .
    زورلانغان خەتنىلەر جاننىڭ جاپاسى ،
    يوقالسۇن دەيمىز بىز بۇنداقنى ئەبەد .

    2001 _ يىل 8 _ ئاي

    -----------------------------

     ئۆيلەنمەيمەن

     سۆي ، دېدى بىر پەرىزات قاراپ قويماي ،
    مەن ئۈچۈن چېچىنى بىر تاراپ قويماي .
    سۆي ، دېدى ئۆزى ئېگىز قاراپ قويماي ،
    بىر چۈشۈپ ئاشىقىغا شاراپ قۇيماي .

     سۆي ، دېدى قولىنىمۇ بىر ئۇزاتماي ،
    سۆي ، دېدى گۈللىرىدىن بىر پۇراتماي .
    سۆيدۈرمەك بوپتۇ مېنى پەملىشىمچە ،
    ھەتتاكى يېنىغىمۇ بىر يولاتماي .

    سۆي ، دېدى جانان تەڭلەپ تاپىنىنى ،
    تاشلىماي سۈرلۈك بۆرە چاپىنىنى .
    مۈرەممۇ ، يۈرۈكىممۇ بولدى يېغىر ،
    كۆپ سۆرەپ تەڭقىسلىقنىڭ ساپىنىنى .

     مەيلىدى پەستە تۇرسا ئاز بولسىمۇ ،
    سۆيەتتىم يانمۇ يان بوپ ، تاز بولسىمۇ .
    ( بوينىنى ئۇنداق ئېگىز تۇتمىسىكەن ،
    _ دەپ قالدىم ، _ مەشۇق ھەتتا غاز بولسىمۇ. )

     سۆي ، دېدى ، سۆيمىدىم مەن سۆيەلمىدىم ،
    كۆي ، دېدى ، مۇزلىدىمكى ، كۆيەلمىدىم .
    بېشىمنى بېسىپ باقتى كېنىزەكلەر ،
    تاپانغا تىل سوزۇشقا كۆنەلمىدىم .

    ھال شۇكى ، ئۇ يا مەندىن كېچەلمەيدۇ ،
    يا پەسلەپ ۋىسالىمغا يېتەلمەيدۇ .
    مەن دەيمەن : « مۇھەببەتسىز ھاجەتكىلا ،
    بۇ نىكا ئىمارىتى پۈتەلمەيدۇ . »

     شۇڭا مەن ئۆيلەنمەيلا ئۆتەي دېدىم ،
    تاق ياشاپ مۇرادىمغا يېتەي دېدىم .
    بويتاقلىق مىڭ ئەلاكەن سايىملىقتىن ،
    بويتاقلا ئۇ ئالەمگە كېتەي دېدىم .

    1994 _ 1995 _ يىل ، قەشقەر

    ------------------------------

     مېھمان بىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا

    سىز مېنىڭ مېھمىنىم ، مەن سىزگە مېھمان ،
    مەن سىزگە موھتاجمەن ، سىز ماڭا بەزى .
    سىزدە سۇ يېتەرلىك ، مەندە ئوت _ يالقۇن ،
    سىز ماڭا تەقەززا ، مەن ئاڭا بەزى .

    سىز مېنىڭ مېھمىنىم ، مەن سىزگە مېھمان ،
    بىر يەردە يۈرسەكمۇ شۇنداق ھەمىشە 
    ئاي _ كۈندەك مۈكۈشۈپ يۈرسەكمۇ پىنھان ،
    ياشاشنىڭ ئىستىكى ئورتاق ھەمىشە .

    سىز مېنىڭ مېھمىنىم ، مەن سىزگە مېھمان .
    ھازىدار بولىمىز بالدۇر بىرىمىز .
    سىزگىمۇ باشقىلار چىقار ئاق باغلاپ ،
    ئەشۇنداق ئۆچرەتسىز مىڭىپ تۇرىمىز .

    سىز مېنىڭ مېھمىنىم ، مەن سىزگە مېھمان ،
    مېمانبىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا .
    مېھمانبىز مېھماندەك ئۆتەيلى دوستلار ،
    ئىسسىق نۇر بېرىشىپ چىگىك دىللارغا .

    ------------------------------------

    ئۇدۇم

     گۆش ئالغىلى بارسام ھەر قېتىم ،
    بويۇن بەردى قاسساپ ئاغىنەم .
    تەكرارلانغاچ بۇ ئىش كۆپ قېتىم ،
    سەۋرەم تېشىپ قاينىدى زەدەم .

     _ ئاچچىقلىما دوستۇم دېدى ئۇ ،
    دوختۇرۇڭمەن ، قاسساپلا ئەمەس .
    بويۇن بېرىپ ، يۇمشاق بوينۇڭنى ،
    قېلاي دېدىم ئازراق زەبەردەس .

     ...................................
    بويۇن يېدىم كۆپ يىل ئۈمۈدتە ،
    تۇرىۋەردى بوينۇم ئۆز پېتى .
    قاتلىشىدۇ بىلىممۇ ھەتتا ،
    كىسىلگەندەك قەغەزنىڭ قېتى .

     قاسساپ دوستۇم ئۆزگىرىپ شۇڭا ،
    بىرىپ يۈردى قوۋۇرغا _ بەلنى .
    ئاۋارە ئۇ سۆڭەك يىگۈزۈپ ،
    ساقايتالماي ئىبلىس كىسەلنى .

    ھۈرۈپ باقتىم شىپا بولار دەپ ،
    ئۆزۈمگە ھەن ھەر خىل ئايەتنى .
    ئايەتمۇ كار قىلمىغان چېغى ،
    كۈتتۈم ھامان غايىپ ئامەتنى .

     ئامەتمۇ نەق نامەرت بوپ چىقتى ،
    تۇرىۋەردى قەددىم دال كەبى .
    ئۇدۇمۇمنى ئالدى ئەۋلادىم ،
    ئىگىلىدۇ مەجنۇنتال كەبى .

    1973 _ يىل

    ------------------------------

     چوققىدا توي

     داۋانلاردىن ھالقىدىم مەغرۇر ،
    قىيالارنى قالدۇرۇپ پەستە .
    پۇت _ قولۇمدىن كەتمىدى ماغدۇر ،
    دىل قەپىسىم گەرچە شىكەستە .

     تىك چوققىغا ياماشتىم مەغرۇر ،
    پىچاق كەبى تاشلارغا دەسسەپ .
    ئۆرلىشىمنى ئاي تۇتۇپ مەنزۇر ،
    قولتۇقلىدى جايىدىن پەسلەپ .

    چوققا ئۆزرە قۇردۇم ئاشىيان ،
    يىنىمدا ئاي ئوغاقتەك ئىگىك ،
    تۈمەن يۇلتۇز كۈلدى شادىمان ،
    مۇشۇ كۈنگە بولغاندەك سىزىك .

     بەلۋاغلىق دەپ يىشىل شايىنى ،
    تەزىم بىلەن تۇتتى ھىلال ئاي .
    تويلۇق قىلىپ گۈزەل غايىنى ،
    قۇچىقىمدىن بەردىم ئاڭا جاي .

    يىشىللىققا پۈركەندى دۇنيا ،
    ئالماس كەبى چاقنىدى چوققا .
    سېرىق يۆگەي غەرق بولدى قۇمغا ،
    يىشىل نۇردىن يىگەندە سوققا .

     1997 _ يىل ، قەشقەر

    -----------------------------

    كۆك گۈمبەزگە سىغمايدۇ نالەم

     ئەجەپ ، ھە ، ياشاپتۇق قوشماقتەك ،
     بىز يۇمران نوتىدەك چاغلاردا ، 
    خىيالسىز ئوينايتۇق قول تۇتۇپ 
    پاخلاندەك قىيغىتىپ باغلاردا

     قولۇمغا ئېسىلىپ يول ماڭساڭ ،
    سېزەتتىم مەن سېنى سىڭلىمدەك . 
    قولۇڭنى قوينۇمدا ئىسسىتقان
     چاغدىمۇ ، سەبىدۇق قەلبىڭدەك .

    كىيىكتەك كېلىپلا ئىچەتتىڭ ،
    چاڭگالغا سۇ ئالسام تولدۇرۇپ .
     بىز شۇنداق ئوقىدۇق ئون بەش يىل ،
    پارتىدا يانمۇ _ يان ئولتۇرۇپ .

     يا ئاناڭ _ قوشناممۇ ئانامدىن ،
    گەپ سوراپ باقماپتۇ بىر ئېغىز . 
    يا مېنىڭ ئاناممۇ ( ھاكاۋۇر!) ،
    دېمەپتۇ يۈرگىچە يەپ سېغىز .

     بار دەردىنىڭ بېشىمەن ، قىلمىدىم
    _ مەن ئادا يىگىتلىك پەرزىنى .
     _ يەلكەمگە يۈكلىدىم ئاخىرى ،
    تۈگىمەس قىيامەت قەرزىنى .

      سەن ئۈچتۈڭ كۆكسۈمدە گوياكى ، 
     غايەت زور بىر دەرەخ يۈلۈندى .
     قالمىدى تېنىمدە جان _ مادار ،
    ئورنىغا قوغۇشۇن قۇيۇلدى .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:00:21]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.