دەريا بويى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-26 17:06:02

دەريا بويى قومۇش ساز، غاتىلدايدۇ ئىككى غاز. بىرى ئورۇق، بىرى تاز، ئاۋازلىرى بەكمۇ ساز. نېمە دەيدۇ ئىككى غاز -ئەنە كەلدى ئەتىياز.


    دەريا بويى

    شېئىر
    ئابلىكىم ھەسەن

     
    دەريا بويى قومۇش ساز،
    غاتىلدايدۇ ئىككى غاز.
    بىرى ئورۇق، بىرى تاز،
    ئاۋازلىرى بەكمۇ ساز.
    نېمە دەيدۇ ئىككى غاز
    -ئەنە كەلدى ئەتىياز.
     
    ئۈجمە سايىسى
     
    چىقىر ئۈجمە سايىسىنى،
    ئاق تەڭگىگە ساتقان باي.
    ھويلىسىدىن چىقالماي،
    چاشقان بولۇپ ياتقان باي.
     
    باي-باي، ئوپقان باي
    پۇت-قوللىرى چاققان باي.
    تۆت تەڭگىگە ئۆزىنى
    لاچىن بولۇپ ئاتقان باي.
     
    باي-باي، قالار باي،
    ھەددىدىن بەك ئاشقان باي.
    ئەپچىلەمدىن دەككە يەپ،
    پۇشايمانغا پاتقان باي.
     
    باي-باي، قالار باي،
    سايىسىدىن قاچقان باي.
     
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دەريا قومۇش باي