ھايات شۇنداق قىلىدۇ داۋام
ھايات شۇنداق گۈزەلدۇر،گۈزەل،
ئەتراپىڭغا تويمايسەن قاراپ .
يىراقلاردا ئۆركەشلەر دەريا ،
يېقىن بارساڭ ئېزىتقۇ_تۇمان .
تەقدىر ساڭا قىلىدۇ چاقچاق،
مەيلى كۆتۈر_مەيلى كۆتۈمە.
شاتلىقىڭدىن ئالار سەدىقە،
يوللۇرۇڭغا قۇرۇپ بۆكتۈرمە.
ھايات شۇنداق قىلىدۇ داۋام،
گاھى شاھ بول گاھى خەس ئاۋام .
تەشنالىقىڭ قانماي كېتىسەن،
رىسقىڭ ئاخىر بولغاندا تامام .
مەنبە 2378نىڭ خاتىرىسى...
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.