ئانامنىڭ تۇزى-مەھمۇد مۇھەممەد(ئۆزلەت)

يوللىغۇچى : zulhami يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-05 02:20:19

ئانامنىڭ تۇزىمەھمۇد مۇھەممەد (ئۆزلەت)جېنىمغىنە –جېنىم.پۈتمەس قەرزىم.ئۆچمەس ئۈمىدىم.قۇشلار كەتسە قايتار يولچىدەك،گۈللەر توزۇپ باھاردا پورەك،ئەمما ئانام مىھمان، مەن گۆدەك،كۈتەر ئۇيقۇسىزيالغۇ...

     



    ئانامنىڭ تۇزى

    مەھمۇد مۇھەممەد (ئۆزلەت)

     

    جېنىمغىنە –جېنىم.

    پۈتمەس قەرزىم.

    ئۆچمەس ئۈمىدىم.

    قۇشلار كەتسە قايتار يولچىدەك،

    گۈللەر توزۇپ باھاردا پورەك،

    ئەمما ئانام مىھمان، مەن گۆدەك،

    كۈتەر ئۇيقۇسىز

    يالغۇز چىراق غېرىب يۇلتۇزدەك.

    ياشالمىسام بىركۈن ئانا دەپ

    ئانا!

    مەندە تالاي ئەجرىڭىز قالدى،

    قانداق ياندۇراي ھەققىڭىز قالدى؟

    بىلىمەن

    ‹‹بالام›› دەپ سوقىدۇ سىزدە بىر يۈرەك!

    تۈگىمەس دەردىم.

    ئۈنلەيدۇ قەلبىم

    پايىڭىز ئاستىدا قىلالماي خىزمەت.

    قولۇمدىكى يارغا يازغان خەت

    ياشلىقىمدىن ئۆرۈپ ئالتۇن بەت

    ئەمما

    قاچان سىزگە باقتىم ئەركىلەپ؟

    بەلكىم پۇتى تالغان بولغىيدى،

    بەلكىم بېشى قايغان بولغىيدى،

    ھەتتەڭەي

    بىرپىيالە چاي تۇتسام دەملەپ...

    چىچەكلەر ئۈزۈلدى ‹‹بالام، بالام››  دەپ،

    بىر كۆچەت قويمىدىم تېخى ئانام دەپ،

    بىر كوزا تۇزنى كۆتۈردۈم ئاچچىق

    كىم ماڭا ئاخىر كۆيەر ئانامدەك؟

    تۈگىمەس دەردىم.

    ئۈنلەيدۇ قەلبىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانامنىڭ تۇزى _