ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-27 21:14:53

ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ساداقەتجان ھاجى٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ئۇلۇغ سەن ئالەمدە ، ئۇلۇغ شۇ قەدەر.ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن.سەن ئەڭ پاك ئىشقىمنى بەخش ئەتكەن دىلبەر.قەلبىمن...



    ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ساداقەتجان ھاجى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۇلۇغ سەن ئالەمدە ، ئۇلۇغ شۇ قەدەر.
    ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن.
    سەن ئەڭ پاك ئىشقىمنى بەخش ئەتكەن دىلبەر.
    قەلبىمنىڭ شادلىقى، قايغۇسى ۋەتەن.

    نېمە ئۇ گۈل دېگەن، سولىدۇ ئاخىر.
    نېمە ئۇ نۇر دېگەن، ئۆچىدۇ يەنە.
    نېمە ئۇ قاشتېشى، ئالتۇن، جاۋاھىر،
    ھەممىدىن ئۇلۇغ بوپ تۇرۇپسەن ئەنە.

    پارلىدى قۇياشمۇ، ئاخىرى پاتتى.
    ئاينىڭمۇ نۇرلىرى شۇقەدەر خىرە.
    سېنىڭسىز ئالەمدە قاچان تاڭ ئاتتى؟
    ھەم بولدى چىرايلىق قايسى مەنزىرە؟

    دېڭىزلار ئۇخلايدۇ دولقۇنلىيالماي.
    دەريالار ئۇخلايدۇ چۆكۈپ قايغۇغا.
    بۇلاقلار ئۇخلايدۇ بۇلدۇقلىيالماي.
    سېنىڭسىز بۇ دۇنيا كېتەر ئۇيقۇغا.

    سەن ئۈچۈن بەھەيۋەت تۇرىدۇ تاغلار.
    سەن ئۈچۈن ئاسماننىڭ چىھرىدۇر پارلاق.
    سەن ئۈچۈن ياشىرىپ تۇرىدۇ باغلار.
    سەن ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ناخشىسى ياڭراق.

    سەن ئۈچۈن ھەممىنىڭ قەلبىدە ئىمان.
    سەن ئۈچۈن ياشايدۇ جىمى مەۋجۇدات.
    سەن ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئويغاقتۇر زامان.
    سەن ئۈچۈن پىدادۇر قىممەتلىك ھايات.

    ئۇلۇغ سەن ئالەمدە. ئۇلۇغ سەن مەڭگۈ.
    بەختىڭنى ھىچكىممۇ قىلالماس خاراپ.
    مەن ئۈچۈن سەن گويا دىلرەبا سۆيگۈ.
    ۋەسلىڭنى بىر ئۆمۈر قىلىمەن تاۋاپ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1996-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    («تارىم» ژۇرنىلى 1996-يىللىق 10-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.