ئىشقنامە(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 21:49:51

ئىشقنامەغوجىمۇھەممەت مۇھەممەت(جالالىدىن رۇمىغا)1سۆيەرمەن، ئۆزۈمدە ئۇنى سۆيەرمەن،بار ئۇ ھەر تىنىقىمدا، جان مېنى تەرك ئەتمە.ئىزدەرمەن، ھەر نەپەس ئۇندىن جۇدامەن،ۋىسال ئىستەرمەن ھىجران مېنى تەرك...

    ئىشقنامە
    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
    (جالالىدىن رۇمىغا)



    1
    سۆيەرمەن، ئۆزۈمدە ئۇنى سۆيەرمەن،
    بار ئۇ ھەر تىنىقىمدا، جان مېنى تەرك ئەتمە.
    ئىزدەرمەن، ھەر نەپەس ئۇندىن جۇدامەن،
    ۋىسال ئىستەرمەن ھىجران مېنى تەرك ئەتمە.
    يەردە تۇپراق ئۇ، كۆكتە قۇياش،
    يەر مېنىڭ تاپىنىمدا تۇر، ئاسمان مېنى تەرك ئەتمە.
    كۆرەرمەن، ھەر ئادەمدە بولۇر ئۇ ئايان.
    مۇھەببەت ئەينىكى  ئىنسان مېنى تەرك ئەتمە.
    كىرەي ۋۇجۇدۇمغا ئۇ ھەم ئۇندىدۇر
    تەن ئىشتىياقى  ھايۋان مېنى تەرك ئەتمە.
    بۇزۇپ قىرغاقلىرىمنى ئاقاي ساڭا
    ئۇ ھەم سەندىدۇر سۇبھان مېنى تەرك ئەتمە...
    يوقالدى دىلدىكى مۇقەددەس گۇمان
    چېكىگە يېتەلمەس ھېچبىر ھاياجان
    ئەي ئۆزىدىن ئۆزىگە قاراپ ماڭغان
    دەقىقىلەردىكى مەڭگۈلۈك كارۋان
    مېنى تەرك ئەتمە!
    2
    گۈل ئېچىلدى، تاڭدا ئۇخلار بۇلبۇلى
    تال يېشىندى سۇدا ئوينار سۇمبۇلى
    ئەر بالاغەت دەشتىدە پىيادىدۇر
    ئىنتىزار، باغلاقتا كىشنەر دۇلدۇلى.
    كۈلپەت مەشرەپ ئوينار ئەس - يادىمدا
    ياڭرار ھەر قەدىمىمدىن ئۇنىڭ مەرغۇلى.
    ئۇ ئاياندۇر زۇۋانسىز رىيازەتلەردە
    زامان مېنى تەرك ئەتمە.
    ئىبادەت پەيتىدە بول ھەرنىغ مۇڭ - زار لازىم ئەمەس
    چاپقىن قېنىڭنى
    شېرىن - سۇخەن ئىزھار لازىم ئەمەس
    ئۇ ھەم ئىبادەتتىن مۇھەببەتكە ئۆتكەن ئادەمدۇر
    چۆكەي گۇناھلىرىمغا، كۆيەي گۈرۈلدەپ
    ئىشق پەرۋىشكارى  شەيتان مېنى تەرك ئەتمە.
    دىلىمدا تاش - چالمىلار لەكمىڭ، گۈل - گۈلزار لازىم ئەمەس
    ئۆلۈپ تىرىلەرمەن كۈندە مىڭ رەت دار لازىم ئەمەس
    مېنىڭ بۇ ئاھۇ - پىغانىمدىن زۇۋانغا كىرسە تاش، بولدى،
    يەرۇ - ئاسماننى سورىغۇغۇچى ئەشئار لازىم ئەمەس.
    مېنىڭ بۇ غېرىبلىقىمنى ئوخشىتار بىر كىم ئالەمگە
    ئوخشىسام ئۆزۈم ئوخشاي بەس، گۇناھكار لازىم ئەمەس...
    سۆيەرمەن ئۇنى، ئۆزۈمدە سۆيەرمەن
    روھ قايىمى  ئىسيان مېنى تەرك ئەتمە!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.