ئىنسان ۋە ئارمان(جاسارەت تاش)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 22:48:21

ئىنسان ۋە ئارمانجاسارەت تاشئىنسان بولۇپ يارالساڭلا دۇنياغا،ئايلىنارسەن ئارمىنىڭنىڭ قۇلىغا.ئارمان ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت تۇتقۇن سەنھاياتلىقنىڭ ئەگرى-توقاي يولىغا.بىر تال كېسەك بولالىساڭ ئامىتىڭسەل...

    ئىنسان ۋە ئارمان
    جاسارەت تاش


    ئىنسان بولۇپ يارالساڭلا دۇنياغا،
    ئايلىنارسەن ئارمىنىڭنىڭ قۇلىغا.
    ئارمان ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت تۇتقۇن سەن
    ھاياتلىقنىڭ ئەگرى-توقاي يولىغا.
    بىر تال كېسەك بولالىساڭ ئامىتىڭ
    سەلتەنەتلىك ئىزدىنىشنىڭ ئۇلىغا.

    ئايلىنارسەن ئارمىنىڭنىڭ قۇلىغا
    بولساڭ ۋىجدان، ئېتىقادنىڭ خاقانى.
    باش قاتۇرما، خاقان نېمە، قۇل نېمە،
    تەبىر بېرەر ئىنسانىيەت جاھانى.
    ئۇتۇقۇڭ شۇ: نىشانەڭدىن ئازمىساڭ
    كۆز ئالدىڭنى توسسا گۇگۇم تۇمانى.

    ئارمان ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت تۇتقۇن سەن
    شېرىن ئۈمىد، ئاچچىق قايغۇ-ئەلەمگە.
    تەشنالىقتا ئۆتەر ھايات كارۋىنىڭ
    غېرىب تەشنا بولغان كەبى سەنەمگە.
    بولالمايسەن خالىي بەدەل تۆلەشتىن
    بىلىپ-بىلمەي باسقان ھەربىر قەدەمگە.

    ھاياتلىقنىڭ ئەگرى-توقاي يولىغا
    تالاي نادىر چۈش-خىيالىڭ بولۇر يەم.
    ئۆتمۈشۈڭنىڭ ئىشىكىنى چەكسەڭلا،
    دىل بېغىڭدا ئىشرەت سۈرەر غۇسسە-غەم.
    چۈشكۈنلىكىڭ قۇترىغاندا، ئىرادەڭ
    تۇرمۇشۇڭغا بەخش ئەيلەر مەنە-تەم.

    بىر تال كېسەك بولالىساڭ ئامىتىڭ
    پاك سۆيگۈدىن پۈتمىش قەسىر-ئايۋانغا.
    چۈنكى روھىڭ بېرەلەيدۇ زوق-ھۇزۇر
    شۇ قەسىرگە ئاياغ باسقان ئىنسانغا.
    مۇقەددەس روھ  مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىنكاسى،
    ئۇ كۈچ-مادار بولغاي غۇرۇر-ۋىجدانغا.

    سەلتەنەتلىك ئىزدىنىشنىڭ ئۇلىغا
    سىڭگەي يىغا-كۈلكە، ئامەت-تالاپەت.
    ئۇتۇققىلا لاگېر ئەمەس ھاياتلىق،
    ئىنسانلارنى پايلار ھامان ھالاكەت.
    مۇھەببەتتىن تەرك بولسا جۇدالىق،
    قۇدرىتىدىن مەھرۇم قالار ساداقەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.