يۇقاتماقتا رەزىللىك كىمنى

يوللىغۇچى : nasmi يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-10 19:50:58

يوقاتماقتا رەزىللىك كىمنىتۇمانلاردا بۇغۇلدۇم شۇنچە،كۈتكىنىمدەك ساپ تىنىق يوقمۇ؟سۈنئىيلىكمۇ چاپلاشتى ئاڭا،ئاجراتقىدەك يۈرەكمۇ يوقمۇ؟رەزىل دىللار،سەبىي قىلىقلار،خارامۇشمەن ئازدىممۇ مەنمۇ؟قۇش...

    يوقاتماقتا رەزىللىك كىمنى


    تۇمانلاردا بۇغۇلدۇم شۇنچە،
    كۈتكىنىمدەك ساپ تىنىق يوقمۇ؟
    سۈنئىيلىكمۇ چاپلاشتى ئاڭا،
    ئاجراتقىدەك يۈرەكمۇ يوقمۇ؟


    رەزىل دىللار،سەبىي قىلىقلار،
    خارامۇشمەن ئازدىممۇ مەنمۇ؟
    قۇشۇق تۇزغا خىيانەتلەر جىق!
    بىلەلمىدىم تەقدىرمۇ كورمۇ؟

     

    شالغۇت ئاھاڭ،ئارلاش كۈيلەردىن،
    تاپالمىدىم چىن ئاۋاز قېنى؟
    بۇلغانغان تەن، بۇلغانغان روھلار.
    يۇقاتماقتا رەزىللىك كىمنى؟!

     

    مەنبە:ئۆز قەلىمىم

    2009-يىلى 16-ئۆكتەبىر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.