بىناۋا كۈنلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:24:53

بىناۋا كۈنلەرسەزدىڭمۇ؟بىناۋا بارماقلار كەتمەكتە ئاجراپكۈلكەڭدىن تارايدۇ مۇزدەك بىر سادابىلىسەن ئاۋازىڭ يۈرەككە يادائېھ، لېكىن بۇ قەلبىم سېنىڭدىن جۇدا....ياش تۆككۈم يوق ئايرىلىش ئۈچۈنھەم ھېچك...



     

    بىناۋا كۈنلەر

    سەزدىڭمۇ؟

    بىناۋا بارماقلار كەتمەكتە ئاجراپ

    كۈلكەڭدىن تارايدۇ مۇزدەك بىر سادا

    بىلىسەن ئاۋازىڭ يۈرەككە يادا

    ئېھ، لېكىن  بۇ قەلبىم سېنىڭدىن جۇدا....

    ياش تۆككۈم يوق ئايرىلىش ئۈچۈن

    ھەم ھېچكىم دېمىدى ئايرىلايلى دەپ

    ياد ئەتتىم دېسەڭمۇ بەزىدە لېكىن

    تاپمىدۇق ۋىسالغا يوللۇق بىر سەۋەب

    زىمىستان چۈشىدە كۆرگەن باھاردەك

    خىيالىم يەنىلا چۈشەيدۇ سېنى

    سورىغۇم كېلىدۇ سېنىڭدىن دائىم

    بىرەر رەت قەلبىڭدىن سۆيدۈڭمۇ مېنى؟

    بىپەرۋا شوخ كۈلكەڭ جىمجىت تۈنلەردە

    ئاچچىق بىر يىغىغا بولۇر ماتېرىيال

    نېمىشقا سەن بىغەم؟

    مەن ھەسرەتكە يار؟!

    خەنجىرىڭ قولۇمدا، كەل يۈرەككە سال!

    تىترىمە....

    لېۋىڭگە قالسام تەلمۈرۈپ

    كۆزلىرىم يۇمۇلماي ئوچۇق قالسا گەر

    باغرىڭغا باسمىغىن قانلىق يۈرەكنى

    ئۇر پەقەت يۈرەككە ئۇرىۋەر خەنجەر!!!

    كۈتمە......

    كەلمەيدۇ سۆيۈلگەن كۈنلەر

    كەلمەيدۇ بىناۋا ئۇزىغان تۈنلەر

    سۇلىدۇ سەن سۆيگەن ياكى سۆيمىگەن

    شۇ قىزغا سەن بىر رەت سۇنمىغان گۈللەر

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كۈنلەر بىناۋا