تۈگمەن(غەنىزات ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 23:49:07

تۈگمەنغەنىزات ئۇيغۇر 1 تارىخنىڭ ئىگىز -پەس داۋانلىرىدائەجدادتىن - ئەۋلاتقا تاراتتىڭ مېھىر . ئەزگىنىڭ دان ئەمەس مۇشەققەت تېغىتاغلارغا مۇجەسسەم كۈرمىڭ سىر - سېھىر .... نەكى تاغ خىسلىتىڭ تاغلاردىن ي...



    تۈگمەن
    غەنىزات ئۇيغۇر


        1


    تارىخنىڭ ئىگىز -پەس داۋانلىرىدا
    ئەجدادتىن - ئەۋلاتقا تاراتتىڭ مېھىر .
    ئەزگىنىڭ دان ئەمەس مۇشەققەت تېغى
    تاغلارغا مۇجەسسەم كۈرمىڭ سىر - سېھىر ....

     


    نەكى تاغ خىسلىتىڭ تاغلاردىن يۈكسەك
    (ئاھ !.... قانداق چىدىغاي ساڭا بۇ يۈرەك!...)
    تارىخىڭ تاغلاردىن تۇرسا قەدىمىي
    ئۈن - تىنسىز كۆز يۇمساڭ خوشمۇ دېمەيلا ،
    يازمىسا ھېچ شائىر ۋاپاتىڭ ئۈچۈن
    قايغۇلۇق مەرسىيە - بىر پارچە شېئىر ؟!!!....

     


       2    

     

     


    سەن بولغاچ كۆكلەرگە تاقاشقان بەستىم ،
    سەن بولغاچ ھەيۋەمدىن تىترىگەن ئاسمان !...
    سەن بولغاچ ئالدىمدا تىز پۈككەن دۇنيا ،
    سەن ماڭا ھەر مىنۇت بولغان پاسىبان !!!....
    ئېھ ......... قانداق ئۇنتۇيمەن ئەجرىڭنى سېنىڭ

     

     

    جىسمىمدا جان بولۇپ تۇرغاندا نېنىڭ ،
    سەن بەرگەن ھارارەت تەپتىدە
    جاھان نۇرلىنىپ تاغ - دالا بولسا گۈلىستان ؟!...
    يازمىسا ھېچ شائىر ۋاپاتىڭ ئۈچۈن
    قايغۇلۇق مەرسىيە ۋە ياكى داستان ؟!!!...

     


         3

     

     


    ئاھ !.... قەدرىڭ بىباھا (بىلمىدۇق ئۇنى )
    تۇرسىمۇ قوللاردا ئۇيغۇرنىڭ نېنى .
    يادلايدۇ ۋە لېكىن نامىڭنى دۇنيا ،
    دىللاردا ئاقىدۇ مەڭگۈ نۇر بولۇپ
    كويلاڭدا ھالاللىق - پاكلىق ئېقىنى !!!...

     

     

    سەن تۇغقان ھەر سەھەر شۇقەدەر تاتلىق ،
    سەن ئاچقان قەدەملەر يۈكسىلىش ھەيھات !........
    ئەجدادىم ئىلكىڭدىن تاپقان كۈچ -ئەقىل
    بەرقىڭدە چېچەكلەپ سۇلماس گاڭ قانات !!...

     


    يەر شارى ئايلاندى سېنى تەققاسلاپ ،
    ئۆگەتتىڭ ئۇنىڭغا بولۇشنى بەردەم !...
    خىسلىتىڭ بېغىشلاش قەيسەرلىك ،
    مەردلىكسەن بىلەن ئىقبالغا يۈز ئاچتى ئادەم !!...

     

     

    سەن بىلەن ھاياتلىق بولدى مۇستەھكەم
    سەن بەرگەن ئەقىلدىن نۇرلاندى ئىلىم .
    ئۇن زاۋۇتى ئاتالدى پەرزەندىڭ ئەمما ،
    كەتكەچ سەن بىمەھەل - شۇنداق تۇيۇقسىز
    سەن ئۈچۈن مۇڭلىنىپ يىغلايدۇ دىلىم !...

     

     

    ئەزگىنىڭ دان ئەمەسمۇشەققەت تېغى
    تاغلارغا مۇجەسسەم كۈرمىڭ سىر - سېھىر ....
    نەكى تاغ ، خىسلىتىڭ تاغلاردىن يۈكسەك
    (ئاھ !.... قانداق چىدىغاي ساڭا بۇ يۈرەك!...)
    ئۈن - تىنسىز كۆز يۇمساڭ خوشمۇ دېمەيلا
    (تارىخىڭ تاغلاردىن تۇرسا قەدىمىي )
    يازمىسا ھېچ شائىر ۋاپاتىڭ ئۈچۈن
    قايغۇلۇق مەرسىيە - بىر پارچە شېئىر ؟!!!....

     

     2007 -يىل ، 8 - نويابىر ، قەشقەر


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.