(ئىككى ساتېرا)ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش

يوللىغۇچى : tangritag يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-24 19:21:11

ئىككى ساتېراياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەشئويلىنىشقىزىقمايمىز بىز ئەجەپ راھەت بىلەن بايلىققا،ياخشى تۇرمۇش يارىشار بىزچە «پالان » ئاتلىققا.يۈرسە بايلار باغلاردا سۈرۈپ ھايات پەيزىنى،پېقىرلىقتا ...

    ئىككى ساتېرا
    ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش



    ئويلىنىش


    قىزىقمايمىز بىز ئەجەپ راھەت بىلەن بايلىققا،
    ياخشى تۇرمۇش يارىشار بىزچە «پالان » ئاتلىققا.


    يۈرسە بايلار باغلاردا سۈرۈپ ھايات پەيزىنى،
    پېقىرلىقتا كۆكلەيمىز تىكىپ قويسا سايلىققا.


    تۇققانلاردىن بىرەسى ئېشىپ كەتسە بىر غېرىچ،
    چۇۋۇپ ئۇنىڭ مېزىنى چىقىرىمىز چاغلىققا.


    ئەقلى بىلەن كىمكى پۈتۈن نانغا ئېرىشسە،
    دەيمىز ئۇنتۇپ غورۇرنى بولدى بىر قۇل ئايلىققا.


    نامراتلىقنىڭ دەردىدە تۇرسا سامان رەڭگىمىز،
    مىسكىن، غۇربەت تۇرمۇشنى تەڭ قىلمايمىز شاھلىققا.


    كىمكى ھالال تىجارەت قىلسا چۆچەك-سۆز توقۇپ،
    نومۇس قىلماي چاپلايمىز قارا سۈتتەك ئاقلىققا.


    ئىچ ئاغرىتىپ بىز ئۈچۈن سېخى بايلار سوزسا قول،
    مىڭلاپ ئالقىش ئوقۇيمىز بىللە كەلگەن «باشلىق»قا.


    پۇل، بايلىقنى چۈشەنسەك، مۇھتاجلىقتا بۇلغانماي،
    ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ ئېرىشىمىز پاكلىققا.


    ئىنسان ئەسلى يارالغان باي، باياشات ياشاشقا،
    ئىزدىنىشتە قويايلى چېكىت كونا تارىخقا.



    كۆرەلمەس



    ناقابىل جان باقارلار ماھىرلارنى كۆرەلمەس،
    بەدنىيەتلەر يۈرىكى زاھىرلارنى كۆرەلمەس.


    كېپىنەكتەك مەۋقەسىز ئالا كۆڭۈل ئاشىقلار،
    ۋىسال قۇچقان گۈلەندەم، ئامىرلارنى كۆرەلمەس.


    ساختا سۆيگۈ ئىشقىدا مەن چىن ئاشىق دىگەنلەر،
    جانان ئۈچۈن جان تىككەن تاھىرلارنى كۆرەلمەس.


    نەپسى ئۈچۈن توخۇدەك ئەخلەت چېچىپ يۈرگەنلەر،
    بۈركۈتلەردەك ھەر ئىشقا قادىرلارنى كۆرەلمەس.


    ئۆز يولىنى تاپالماي تېنەپ ئېزىپ يۈرگەنلەر،
    توغرا يولغا باشلىغان كادىرلارنى كۆرەلمەس.


    پاك دىللارنى قارىلاپ، ئەلنى شىلىپ يىگەنلەر،
    چىرىكلىككە ئوت ئاچقان سادىرلارنى كۆرەلمەس.


    ئى ئەلتىرەش، چۈشەنسەڭ زاۋالپەرەس بەندىلەر،
    ئەل بەختىگە پاسىبان شائىرلارنى كۆرەلمەس.   



    (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
    «جوڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى 2010-يىل 6-ساندىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.