قەشقەرگە سەپەر
ئادىل تۇنىياز
كېتىۋاتىمەن قەشقەرگە
ئۇ گويا ئۆز تېنىنى يەۋاتقان،
ياكى ئۇ يەردە
پەرىشتىلەرنىڭ ئۆلۈكى ياتقان.
ئۇپۇقتا قىزغۇچ پەردە
مەڭگۈلۈك، تىپتىنچ، ئۆچىۋاتقان
ئەنە شۇنداق لەھزىلەردە،
ئاپتوبوس تۆمۈر قوشۇن غالجىرلاشقان
بىسىپ كىرمەكتە چۆل - جەزىرىگە.
تاشلار - تاش ئوردىنىڭ خارابىسى.
تاشلار - شېھىتلەرنىڭ كېسىك بېشى.
تاشلار قۇرۇپ كەتكەن،
تاشلار قاتقان تەن.
شەھۋىتى ئۇرغۇپ تاشقان ئادەملەر ئارا
ئېزىپ كەتكىنى سەن ياكى مەن.
قەشقەر
ئۇ بىر ئىسسىق قۇرىماس يارا،
تۇغۇلماقتىمىز بارا - بارا.
كۆزلىرىم قاماشتى قارا - قارا
يۇلتۇزلار لىق ئاسماندا، يەردە.
سۈزۈك - سۈزۈك ئۆتۈۋاتقان
شۇنداق تەنھا لەھزىلەردە
ئىگەم سەن بار، مەن يوق مەندە.
ئادىل تۇنىياز
كېتىۋاتىمەن قەشقەرگە
ئۇ گويا ئۆز تېنىنى يەۋاتقان،
ياكى ئۇ يەردە
پەرىشتىلەرنىڭ ئۆلۈكى ياتقان.
ئۇپۇقتا قىزغۇچ پەردە
مەڭگۈلۈك، تىپتىنچ، ئۆچىۋاتقان
ئەنە شۇنداق لەھزىلەردە،
ئاپتوبوس تۆمۈر قوشۇن غالجىرلاشقان
بىسىپ كىرمەكتە چۆل - جەزىرىگە.
تاشلار - تاش ئوردىنىڭ خارابىسى.
تاشلار - شېھىتلەرنىڭ كېسىك بېشى.
تاشلار قۇرۇپ كەتكەن،
تاشلار قاتقان تەن.
شەھۋىتى ئۇرغۇپ تاشقان ئادەملەر ئارا
ئېزىپ كەتكىنى سەن ياكى مەن.
قەشقەر
ئۇ بىر ئىسسىق قۇرىماس يارا،
تۇغۇلماقتىمىز بارا - بارا.
كۆزلىرىم قاماشتى قارا - قارا
يۇلتۇزلار لىق ئاسماندا، يەردە.
سۈزۈك - سۈزۈك ئۆتۈۋاتقان
شۇنداق تەنھا لەھزىلەردە
ئىگەم سەن بار، مەن يوق مەندە.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.