پىتنىخور(ئاقسۇ ناھىيىلىك ئېلىكتىر ئىستانسىدىن )

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-30 12:11:00

پىتنىخور ئاڭلىغىن ئەي پىتنىخور، سېھرى يىلاننىڭ ئۆزىسەن، نەشتىرىڭدىن قان تامار، قەستى چاياننىڭ ئۆزىسەن. ئۆزگە ئۆستەڭدە زىلال كەلسە كۈۋەجەپ بىمالال، ئېرىقىڭدا لاي ئاقسۇر،ئەھلى قىياننىڭ ئۆزىسە...

    پىتنىخور

      ئاڭلىغىن ئەي پىتنىخور، سېھرى يىلاننىڭ ئۆزىسەن،
    نەشتىرىڭدىن قان تامار، قەستى چاياننىڭ ئۆزىسەن.

    ئۆزگە ئۆستەڭدە زىلال كەلسە كۈۋەجەپ بىمالال،
    ئېرىقىڭدا لاي ئاقسۇر،ئەھلى قىياننىڭ ئۆزىسەن

    .چىقمىغاي چېھرىڭگە ئەسلا يېگىنىڭ-ئىچكەنلىرىڭ،
    يۈزلىرىڭ خۈنسىز ئىرۇر،رەڭگى ساماننىڭ ئۆزىسەن.

    سۆزلىرىڭنى تىڭشىسا،ئوخشار سۆڭەكسىز <لوقما> غا،
    تۈز تىلىڭ،ئىچىڭ قوتۇر،كەكرى ماناننىڭ ئۆزىسەن.

    نەدە پىتنە،سەن شۇ يەردە،گەپلىرىڭنىڭ تەمى يوق.
    ئىشلىرىڭ كۆپ بولمىغۇر،تەكتى ناداننىڭ ئۆزىسەن.

    ساھىلىڭدىن ئۆكسۈمەس يامغۇر-يېشىن،مۆلدۈرلىرىڭ؛
    ئاسمىنىڭدىن مۇز ياغار،ئەپتى تۇماننىڭ ئۆزىسەن.

    تاپمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى،ئەل ئارا ئورنۇڭمۇ يوق،
    ئاقىۋەت نەسلىڭ قۇرار،ۋەسلى خازاننىڭ ئۆزىسەن!

    تەھرىر:زوردۇن ئىمىر

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 11:14:48]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق