ئۆزۈمگە مەرسىيە

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 16:22:47

ئۆزۈمگە مەرسىيەئابدۇرىشىت سۇلايمانمەن ئۆلۈمگە يېقىنلاپ بۇدەم،بىر لەززە ياشىدىم ئۆلۈم كۆزىدە.جەسەتنى كۆتۈرۈپ باقمىغان كىم بار،كۈلۈشتىن بەك يىراق ‹بۆرە› دېگەنلەر.تاشنامە دېمىگىن بۆرە ق...



     

    ئۆزۈمگە مەرسىيە

    ئابدۇرىشىت سۇلايمان 

    مەن ئۆلۈمگە يېقىنلاپ بۇدەم،

    بىر لەززە ياشىدىم ئۆلۈم كۆزىدە.

    جەسەتنى كۆتۈرۈپ باقمىغان كىم بار،

    كۈلۈشتىن بەك يىراق ‹بۆرە› دېگەنلەر.

     

    تاشنامە دېمىگىن بۆرە قەۋمىنى،

    ئەشەددى ئۈمىدكە تەۋەللۇتتۇر قان.

    بۇ دەمدە بىرسى ەكتى دېرىزە،

    ئۆلۈمنى سېغىنىپ ياشايدۇ ئىنسان.

     

    بەك ئامراق ماڭىلا مۇزلىغان سايە،

    بەرىبىر ئۆلۈمنى يۈرىمەن يۈدۈپ.

    ئابدۇرىشىت دېيىلسە ئەجەل ئۈستىدە،

    خەنجەرگە يۈرىكى تۇرار بەتلەگلىك.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.