ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﻰ (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 01:50:48

ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﻰﺳﻪﻥ-ﺳﻪﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﮬﻮﺷﯘﻣﻨﻰ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﺎﺯﯨﻦ ﺧﯘﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺑﺎﻗﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎ،ﯞﺍﺭ ﺳﻪﺗﻪﯓ ﺑﺎﻟﯩﺨﺎﻥ.ﭼﯩﻨﻤﯩﺪﻯ-ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭ ﺋﯚﺯﯛﯓ،ﻳﺎﻏﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﺷﯘﺭ ﮬﻪﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﯛﯓ...

    ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﻰ

    ﺳﻪﻥ-ﺳﻪﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ،
    ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﮬﻮﺷﯘﻣﻨﻰ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
    ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﺎﺯﯨﻦ ﺧﯘﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﺎﻟﻐﺎﻥ،
    ﺑﺎﻗﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎ،ﯞﺍﺭ ﺳﻪﺗﻪﯓ ﺑﺎﻟﯩﺨﺎﻥ.

    ﭼﯩﻨﻤﯩﺪﻯ-ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭ ﺋﯚﺯﯛﯓ،
    ﻳﺎﻏﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﺷﯘﺭ ﮬﻪﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﯛﯓ.
    ﺟﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺯﯛﯓ،
    ﺳﻪﻧﺪﯗﺭﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯗﻡ.

    ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﻪﻣﺪﻩ،
    ﺋﯩﺴﯩﺖ،ﮔﯜﻝ ﺋﯚﻣﺮﯛﻡ ﺋﯚﺗﻤﻪﻣﺪﯗ ﻏﻪﻣﺪﻩ.
    ﻛﻪﺑﻪﯕﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ،ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻘﯩﭗ،
    ﺳﺎﻗﻼﺭﻣﻪﻥ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ.

    ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ،ﻛﯚﺭﻣﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺕ،
    ﮬﺎﻟﯩﻢ ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯗﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﯩﻞ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ.
    ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻳﯘﯕﻨﻰ،ﺳﯚﻳﺪﯛﻡ ﺧﯘﻳﯘﯕﻨﻰ،
    ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺩ.

    ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﺎﺗﯘﺭﻣﻪﻥ ﯞﺍﻳﯩﻢ،
    ﺩﻩﺭﺩﯨﯔ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘﺭ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﻢ.
    ﻛﯚﻳﺪﯛﻡ،ﻛﯜﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،ﺳﯚﻳﺪﯛﻡ،ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
    ﻛﻪﻟﺘﯜﺭ ﻳﺎﺩﯨﯖﻐﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻡ ﺟﺎﻧﯩﻢ.

    ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻝ،ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﯔ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ،
    ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﻳﺮﺍﺭ ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﺪﻩ ﻏﯘﻟﻐﯘﻝ.
    ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ،ﮔﯜﻟﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﻤﺎ،
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﻝ.

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.