‫ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟‬ (ئادىل تۇنىياز )

يوللىغۇچى : Bella يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-28 19:19:02

ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟(داستان)-ئادىل تۇنىياز1. ئەرنىڭ غېرىبلىقى…داۋاملاشماقتاتېرىلەرنىڭ سىرتىدا،ئادەمنىڭ نۇر ھالقىسىدا،ئالەمنىڭ باش نۇقتىسىدا،ئەرلەر يۈزلەنگەن ئاپتاپپەرەستەكئاياللارنىڭ سەلتەنى...

     


     
     
     
    ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟
    (داستان)
     
    -ئادىل تۇنىياز
     
    1. ئەرنىڭ غېرىبلىقى 
     
    …داۋاملاشماقتا
    تېرىلەرنىڭ سىرتىدا،
    ئادەمنىڭ نۇر ھالقىسىدا،
    ئالەمنىڭ باش نۇقتىسىدا،
    ئەرلەر يۈزلەنگەن ئاپتاپپەرەستەك
    ئاياللارنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدا،
    داۋاملاشماقتا…
    جىنسىي ئاجىزلىقنى
    داۋالاش توغۇرلۇق ئېلان،
    ئوغرىلىقچە ئوقۇۋاتقان
    ئەركەكلەر ئارا.
    نومۇسقا چىدىمىغان ئەركەك ئىتلار
    ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا
    توپلانغان مەيداندىكى شەھەرلەردىكى 
    …داۋاملاشماقتا…
    ياشىمىسا بولمايدىغاندەك
    كېتىۋاتقان كىشىلەر ئارا.
     
    ئەي ئەركەكلەر كۆرمىدىڭلارمۇ؟
    ئەرلەر ھېچكىم ئەمەستەك
    ئەر يوقتەك تۆت ئەتراپىدا
    بىخەۋەر يۈرەر ئاياللار،
    چۈش كۆرىدۇ ئاياللار ھەتتا،
    ئوڭدىسىغا يېتىپ كارىۋاتتا.
    ئەركەكلەر پار بولدۇڭلارمۇ
    ئايالنىڭ ئاۋازىغۇ بۇ؟
    ۋارقىراشماقتا
    تەپتارتماستىن يېنىمىزدىلا
    يەتتە ياشتىن ئاشقان ئاياللار،
    ئەڭ-ئەڭ نېپىز ئىچ كىيىم بىلەن
    ئاپتاپ سۇنۇپ ياتقان ئاياللار.
    خۇددى بىز بىلمەيدىغاندەك
    قات-قات كىيىم ئىچىدە 
    قىپيالىڭاچ تۇرغان ئاياللار.
    ئەرلەرگە كۆز-كۆز قىلماقتا
    شارقىرىغان قوشنا مۇنچىدا.
    ئۇلار بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزدە.
    ئۇلار بىزنىڭ گۈللۈكىمىزدە.
    ئۇلار بىزنىڭ ئىشخانىمىزدا.
    كېچە سائەت نۆلدىمۇ
    خوتەن ۋاقتى بىردىمۇ
    ئىختىيارىي مەۋجۇتتۇر ئايال.
    ئايال مەۋجۇت تەكلىماكاندا.
    ئايال مەۋجۇت ھەممە كارىۋاتتا.
    جىمجىتلىق ئايال.
    سايىمىز ئايال.
    غارىبلىق ئايال.
    قاتناش قائىدىسى ئايال.
    ياتقان نۇر
    ماڭغان نۇر
    تۆشۈك نۇر ئايال
    كىچىك ئۆي كىچىك ئايال.
    چوڭ ئۆي چوڭ ئايال.
    ئەپسانىلەرنى توقۇپ
    دەرەخ يارىتىپ 
    دەرەخ كاۋىكىدىن 
    قىز يارىتىپ
    ئېرىشمەكچى بولغىنىمىزمۇ
    ئايالدۇر ئايال.
    يەسەۋى ئۆز شېئىرلىرىغا
    چوڭقۇر كۆمۈپ قويقان يار
    ئايالدۇر ئايال.
    ئۇنتۇلدۇرۇپ
    20-ئەسىرنى 
    ئامىرىكىنى، توكيونى 
    روھىمىزغا پەرۋا قىلدۇرغان
    ئايالدۇر ئايال.
    ئايال! ئايال! ئايال!
    جېنىم، جېنىم ئايالار
    قارغىش تەگكۈر ئايال…
    ئەركەكلەر ئالغان!
    ئەركەكلەر ھۇررا!
    ئاپئار ھور ئارىسىدا
    بىلجىرلىغان ئاياللار.
    يېقىن يالىڭاچلىق،
    ئۇياتچان ئەر،
    سۇ تامچىسى
    ساقىپ تۇرغان 
    پاچاقلار…
    نەم چاچلار،
    مەزىلىك تەر پۇرىقى،
    ئېگىز-ئېگىز ئەمچەكلەر،
    مۇجۇپ-مۇجۇپ
    ئېزىۋەتسەڭ،
    قوش تۇخۇمىنى،
    ئېزىۋەتسەڭ،
    سۇيۇق ئاپتور كىتابتىن يازغان
    ئەڭ چىرايلىق قىز پېرسوناژنى
    ئەرگە تېگەي دېگەندە.
    ئۆلتۈرىۋەتسەڭ سەن، تونۇش ئايال
    بەش ياشلىق ئەر سۇنغان كەمپۈتنى
    ساللاقلەرچە ئېلىپ يېگەندە،
    ئۆلتۈرىۋەتسەك ھەممە كوچىدا
    ساڭا بويسۇنمىغان بەدبەختنى،
    ئۆلتۈرىۋەتسەڭ لىق بىر پويىزدا
    ئاياللاردىن باشقا ھەر خەقنى،
    ئۆلتۈرىۋەتسەڭ
    ئۆلتۈرىۋەتسەك ھاياجان بىلەن…
     
    ئايال-
    ئەركەكلەرنىڭ ئۆلۈم مەيدانى 
     
    ئايال-
    ئەرنىڭ يېنىدا ياتقان 
    سۈت ئچىىشكە ئامراق 
    ئوماق بىر مۈشۈك
     
    ئايال-
    بىنالارنى قاپلىغان 
    دېرىزىسىز غېرىبلىق
     
    ئايال-
    ئالەم بىنا بولغان شۇ كۈنى 
    تۇنجى ئەرنىڭ بالىياتقۇسى 
     
    ئايال-
    يىلان بېشى چاقنىغان ئەلدىن 
    جاقان ئولجا ئالغان جانلىق مال 
     
    ئايال-
    بوسۇنغۇچى خەلقلەر 
    تەڭرىقۇتقا سوۋغا قىلغان مەلىكە.
     
    ئايال-
    كۈچتۈڭگۈر ئەر قەبىلىنى
    بارا-بارا قۇل قىلغان 
    رەسمىي ئايال.
     
    ئايال-
    چۈشكۈنلەشكەن ئەر 
     
    ئايال-
    ئويغانغان ئەرنىڭ 
    تومۇرىدا ھۆركىرىگەن شىر .
     
    ئايال-
    سەن بىلمەيسەن، بىلمەيسە
    سەن بىلمەيسەن ئەر دىگەن نىمە.
     
    ئەر-
    مەڭگۈ بىر ئايالنىڭ كىچىك بالىسى.
     
    ئەر-
    يالغۇز قالغاندا 
    نىيىتىنى بۇزۇلۇپ قاراپ قالغۇچى
    چاك كەتكەن تامغا.
     
    ئەر-
    مىنىۋېلىپ ئۈستىگە ئاتنىڭ 
    ئوتلۇق، پىنھان شاھەرلەرگە
    بېسىپ كىرگۈچى.
     
    ئەر- 
    گويا تەننى بېسۋالغاندەك
    زېمىنلارنى بېسپ ئالغۇچى .
     
    ئەر-
    قان تۆكۈشتىن ھاياجانلىنىپ
    ئۆلۈملەردىن لەززەت ئالغۇچى .
     
    ئەر-
    نەيزسىنى ئوينىتىپ
    ئاياللار دۆلىتىگە 
    يېتىپ بارغۇچى. 
     
    ئەر _ 
    ئايال خاقانى 
    ئايال خەلقنى 
    ئايال يېزىقنى كۆرۈپ 
    بوشاپ قالغۇچى. 
     
    ئەر _ 
    ئاياللارنىڭ دىنىدا 
    بالياتقۇ ياساپ چىققۇچى 
    مىڭ ئۆي ئۇستىسى. 
    ئەر _ 
    دنغا كىرىش مۇراسىمىدا 
    توپ_توپ خەتنە قىلىنغان خەلق، 
    ئات ئۈستىدە روھى سۇنغان سەرگەردە 
    جەڭگىۋارلىقى يوقالغان لەشكەر 
    مەن ئەمدى ئەر ئەمەس دەپ، ئويلڭغان ئەر. 
     
    چۈشكۈنلەشكەن ئەر 
    تەسەللىگە موھتاج بولغاندا 
    سىيلاپ تۇرسا بېشىنى ئايال 
    يوقاپ كېتەر ئەمدى ئېھتمال.
     
    ئەر خورلىسا بىر ئايال مۇبادا
    بىردىنلا غەزپى قاينىغان بۇقا. 
     
    ئەر_ئايال تولۇق بىلپ يەتمىگەن 
    مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدىغان ئوت 
    ئوت كەتتى ئوت ! 
    ئوت كەتكەن چاغدا  
    ھەي ئاياللار، ئامال يوق ئەسلا. 
    ئامال يوق ئەمدى
    ئەرلەر شەھىرىدىكى ئايال پادىشاھ، 
    ئۆلۈمگە تولغان قىزغىن تەپەككۈر،
    ئالەمگە تۇتاشقان جىنسىي بار كوچا. 
     
    كوچا قانۇنى 
    ئەتىگەنلىك گېزىت 
    ئەينەك غېرىپلىق 
    مەنسەپكە تەيىنلەش 
    غۇۋا قىرغىنچىلىق 
    تام سائەتىنىڭ سائەت توققۇزدىن 
    ساختىپەزلەرچە بەش ئۆتۈشى 
    مەنىسى مەخپىي جۈمىلىلەر 
    سولانغان توپ_توپ ھەرىپلەر 
    قانغا بويالغان ئامبۇردەك يېزىق 
    قىيىن قىستاققا ئېلىنغان تاۋۇش 
    باسمىخانا 
    سۇيۇق ئەتىرگۈل
    تول ئورۇندۇق 
    نگوياكى نامەلۇم ئوكۇل ئۇرۇلۇپ 
    ساراڭغا ئايلانغان مەنىلەر تۇلۇق. 
    باسما زاۋۇتى 
    ھەرىپلەر توپ_توپ 
    مەجبۇرلانغان كىشلەر
     قۇياشنىڭ ئىسمى ئاستىدا  
    گويا ئاپئاق مامكاپلاردەك
    قۇرۇتۇلغان كىشلەر
    تۇرپان مۇزېيىدىكى يالغانچى جەسەت
     
    ئۆلۈكلەرنىڭ ئوردىسىدىكى 
    ناتۇنۇش ئادەمدۇر پەقەت.
    تام سائەتنى سائەت توققۇزدىن 
    ۋارقىرىغاندەك ئاتمىش ئۆتۈشى.
    چۈش كۆرگۈدەك لايىھىلەنمىگەن
    بويتاق ئەرنىڭ ياتىقى.
    چۈش
    چۈش كۆرۈشكە ئامراق ئەر ئۈچۈن
    دائىم ئوچۇق پاھىشخانىدۇر.
    چاقنار چۈشنىڭ دېرىزىسىدىن 
    ھاسىرىغان بىر ئايال بىلەن
    ئۆلگەن بۇقا تېرىسى.
    ھوجرامدىكى قاراڭغۇلۇقتا
    سىمسىز غېرىبلىق 
    پۇشۇلدىماقتا،
    مېنىىڭ ھوجرام مېنىڭ ئەمەس.
    مېنىڭ ھوجرام سېنىڭ ئەمەس.
    مېنىڭ ھوجرام كېچە ئەمەس.
    سىلەپە ئەمەس،
    بالىياتقۇ ئەمەس،
    شارقىراتما ئامەس،
    تۈرمە ئەمەس مەنلا سولانغان.
    مەنىسىزلىك.
    كۈلدان.
    ئۆلۈم قىزغىنلىقى قاپلىغان
    ئەركەك شەھەر.
    غېرىبلىق.
    توپ-توپ قۇشلارنىڭ،
    مەخپىي سىزىقلىرى ئىچىدە،
    يىغلاپ سالغان بوۋاقلارنىڭ 
    پېچەتلەنگەن ئاغزى ئىچىدە،
    يىغلاپ سالغان بوۋاقلارنىڭ
    پېچەتلەنگەن ئاغزى ئىچىدە،
    كۆچمەنلەرنىڭ پەلەمپەيلىرىدىن 
    خۇشال چۈشۈشلىرى ئىچىدە
    ئەينەك ئۆيلەردىكى پايانسىز
    سۇنۇش تەنھالىقى ئىچىدە،
    《دىققەت
    بۇ ئۆي ئەمەس!》
    دېگەن خەت
    تاملىرىغا چاپلاپ قويۇلغان 
    قورقۇنچلۇق ئۆيلەر ئىچىدە،
    چاشقاندىن قورقۇش كېسىلى بىلەن 
    ئاھالىلىرى ئۆلۈۋاتقان 
    شەھەر ئىچىدە،
    ئازابلانماسلىق
    ئۆرپ-ئادەتكە ئايلاندۇرۇلغان 
    ئۇلۇغ قەبىلىنىڭ ئىچىدە،
    داۋاملاشماقتا…
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادىل تۇنىياز شېئىر _