بىز،

يوللىغۇچى : ياشلىق يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-10 12:17:00

بىز بىز،داستان يازماقتىمىز بىز، ئۇيغۇرنىڭ قېنى... دەريادەك ئاققان. ئوغۇزخان، «خۇدا»دەپ يۈرگەن، كۆك يايلىلىق بۆرە بىز. بىز، بۆرە بولدۇق_سىرلىق زاماندا. بۈركۈت بولدۇق، ئۇيغۇر شاماندا. چۈشكە ئايلا...

    بىز   

    بىز،داستان يازماقتىمىز بىز،
    ئۇيغۇرنىڭ قېنى... دەريادەك ئاققان.
    ئوغۇزخان، «خۇدا»دەپ يۈرگەن،
    كۆك يايلىلىق بۆرە بىز.

     بىز، بۆرە بولدۇق_سىرلىق زاماندا.
    بۈركۈت بولدۇق، ئۇيغۇر شاماندا.
    چۈشكە ئايلاندۇق...
    تەكلىماكان_قۇملۇق ئاستىدا...
    ياتار مەڭگۈ، تەڭرى بەرگەن، شىرىن ئۇيقۇدا...
    قۇملۇقتىكى كروران قىزى،
    ئەسلىيەلمەي، ۋەھىمىلىك سىرلىق ئۆتمۈشنى....

     بىز، ئويغاق دەريا،
    كېچە-كۈندۈز شاۋقۇنلايدىغان...
    قارا تۈندە، ھۆركىرەيدىغان..
    بىز، ئۇيغۇر ئىزىدا... مەڭگۈلۈك نۇردەك،
    داستان يازماقتىمىز.
    «ئۈمىدلەر ئۆلمەس» ئەجداد ئىزىدىن.....
    2007-يىل31-ئۆكتەبىر

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-15 12:03:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق