قۇش ئانا(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:03:29

قۇش ئانائادىل تۇنىيازچۈشلىرىڭدە كۆرەمسەن مېنى،يۇلتۇز كەبى يىراق شەھەردە.جېنىم ئانا قانىتىڭ قېنى،توزۇپ كەتتى پەيلىرىڭ نەگە؟قارلىغاچلار كېلىپ باھاردا،پېشايۋانغا ياسىسا ئۇۋا.مېنى ئەسكە ئالدىڭم...

    قۇش ئانا
    ئادىل تۇنىياز



    چۈشلىرىڭدە كۆرەمسەن مېنى،
    يۇلتۇز كەبى يىراق شەھەردە.
    جېنىم ئانا قانىتىڭ قېنى،
    توزۇپ كەتتى پەيلىرىڭ نەگە؟

    قارلىغاچلار كېلىپ باھاردا،
    پېشايۋانغا ياسىسا ئۇۋا.
    مېنى ئەسكە ئالدىڭمۇ ئانا؟
    نېمە دېدىڭ بېكەتكە چىقىپ
    ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارغا.
    ئاۋازىمنى ساقلاپ كەلدىڭمۇ،
    قۇلىقىڭدا ياساپ قەبرىگاھ.

    چانىقىڭدا ياش يۇقى دۇنيا،
    ئۆگەتمەكچى بولغان ئەمەسمۇ؟
    كۈلۈپ تۇرۇپ ياشاشنى ماڭا.
    بولۇپ قالدىم سىم-سىم يامغۇردەك
    توزۇماقتا پەيلىرىم ئانا...

    بېشىڭدىكى كىرلەشكەن ياغلىق،
    پۇتۇڭدىكى ئۇپرىغان ئۆتۈك
    چۈشلىرىمگە تىزىلار پات-پات.
    نۇردىن كىيىم كىيگۈزمەك بولار،
    ۋە ئالتۇن كەش ياسايدۇ تالاي،
    ئېھ،مەندىكى نامرات ھېسسىيات!
    ئوقۇغۇچى گادايچىلىقتا
    سېنى تېخى قىلالمىدىم شاد.

    ئانىسى سەن ۋاقىتنىڭ،
    چۈشنىڭ،گۈلنىڭ،نۇرنىڭ،ئۇيغۇرنىڭ.
    ئانىسى سەن
    كۆز يېشىدەك سۈزۈك دۇنيانىڭ
    بېلىقلارنىڭ،دەل-دەرەخلەرنىڭ
    توڭۇپ كەتتىم قۇش ئانا
    ئىللىتىپ قوي قاناتلىرىڭدا!

    1991-يىل11-ئاي

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.